19:87
لَّا يَمْلِكُونَ الشَّفَاعَةَ إِلَّا مَنِ اتَّخَذَ عِندَ الرَّحْمَٰنِ عَهْدًا
مەرھەمەتلىك ئاللاھ نىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ
20:109
يَوْمَئِذٍ لَّا تَنفَعُ الشَّفَاعَةُ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ الرَّحْمَٰنُ وَرَضِيَ لَهُ قَوْلًا
بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ
34:23
وَلَا تَنفَعُ الشَّفَاعَةُ عِندَهُ إِلَّا لِمَنْ أَذِنَ لَهُ ۚ حَتَّىٰ إِذَا فُزِّعَ عَن قُلُوبِهِمْ قَالُوا مَاذَا قَالَ رَبُّكُمْ ۖ قَالُوا الْحَقَّ ۖ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْكَبِيرُ
ئاللاھ ئىزنى بەرگەن ئادەمدىن باشقىغا ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ. شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار ئاندىن (بەزىسى بەزىسىگە): «پەرۋەردىگارىڭلار (شاپائەت توغرولۇق) نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (جاۋابەن): «ھەقنى (دېدى) (يەنى مۆمىنلەرگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى)» دەيدۇ. ئاللاھ يۈكسەكتۇر، كاتتىدۇر
39:44
قُل لِّلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا ۖ لَّهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھ نىڭ ئىلكىدىدۇر (ھېچ ئادەم ئاللاھ نىڭ ئىزنىسىز شاپائەت قىلالمايدۇ)، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھ قا خاستۇر. ئاندىن سىلەر ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر»
43:86
وَلَا يَمْلِكُ الَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِهِ الشَّفَاعَةَ إِلَّا مَن شَهِدَ بِالْحَقِّ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
ئۇلارنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى شاپائەت قىلالمايدۇ. پەقەت ھەق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن (يەنى لا الە الا ئاللاھ دېگەن، تىلى بىلەن ئېيتقاننى دىلى بىلەن) ھەقىقىي بىلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا