2:177
لَّيْسَ الْبِرَّ أَن تُوَلُّوا وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَٰكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآتَى الْمَالَ عَلَىٰ حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّائِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُوا ۖ وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ وَحِينَ الْبَأْسِ ۗ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ
سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈزكەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھ قا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەبغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھ نى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش - ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل - مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل - مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھ نىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر
2:214
أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُم مَّثَلُ الَّذِينَ خَلَوْا مِن قَبْلِكُم ۖ مَّسَّتْهُمُ الْبَأْسَاءُ وَالضَّرَّاءُ وَزُلْزِلُوا حَتَّىٰ يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ مَتَىٰ نَصْرُ اللَّهِ ۗ أَلَا إِنَّ نَصْرَ اللَّهِ قَرِيبٌ
سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۆمىن) لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: «ئاللاھ نىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟» دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھ نىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر
3:134
الَّذِينَ يُنفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل - مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
4:95
لَّا يَسْتَوِي الْقَاعِدُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ غَيْرُ أُولِي الضَّرَرِ وَالْمُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ ۚ فَضَّلَ اللَّهُ الْمُجَاهِدِينَ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ عَلَى الْقَاعِدِينَ دَرَجَةً ۚ وَكُلًّا وَعَدَ اللَّهُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَفَضَّلَ اللَّهُ الْمُجَاهِدِينَ عَلَى الْقَاعِدِينَ أَجْرًا عَظِيمًا
مۆمىنلەردىن ئۆزرىسىز (ئەما، توكۇر، كېسەلگە ئوخشاش ئۆزرىسى بارلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا) جىھادقا چىقمىغانلار ئاللاھ يولىدا ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلارنى جىھادقا چىقمىغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. بۇ ئىككى خىل كىشىلەر (يەنى ئۆزرىسى بولۇپ جىھادقا چىقالمىغانلار ۋە جىھادقا چىققۇچىلار) نىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ جىھاد قىلغۇچىلارغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقمىغانلاردىن ئارتۇق) قىلدى
6:42
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا إِلَىٰ أُمَمٍ مِّن قَبْلِكَ فَأَخَذْنَاهُم بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَتَضَرَّعُونَ
شەك - شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە (نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). ئۇلارنى (ئاللاھ قا تەۋبە قىلىپ) يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق - سىلاق بىلەن جازالىدۇق
7:94
وَمَا أَرْسَلْنَا فِي قَرْيَةٍ مِّن نَّبِيٍّ إِلَّا أَخَذْنَا أَهْلَهَا بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَضَّرَّعُونَ
بىز مەيلى قايسى شەھەرگە بولسۇن، بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق (شەھەر ئەھلى ئۇنى ئىنكار قىلغان بولسا)، ئۇلارنىڭ ئاللاھ قا يالۋۇرۇشلىرى (تەۋبە قىلىشلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق
7:95
ثُمَّ بَدَّلْنَا مَكَانَ السَّيِّئَةِ الْحَسَنَةَ حَتَّىٰ عَفَوا وَّقَالُوا قَدْ مَسَّ آبَاءَنَا الضَّرَّاءُ وَالسَّرَّاءُ فَأَخَذْنَاهُم بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
ئاندىن (ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن) كۈلپەتنى نېمەتكە ئايلاندۇردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپەيدى، ئۇلار: «بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىغا ھەقىقەتەن كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىدى (بۇ - زاماننىڭ ئادىتى؛ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئوقۇبەت ئەمەس)» دېدى. ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلدۇق
10:12
وَإِذَا مَسَّ الْإِنسَانَ الضُّرُّ دَعَانَا لِجَنبِهِ أَوْ قَاعِدًا أَوْ قَائِمًا فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُ ضُرَّهُ مَرَّ كَأَن لَّمْ يَدْعُنَا إِلَىٰ ضُرٍّ مَّسَّهُ ۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلْمُسْرِفِينَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئىنسانغا بىرەر زىيان - زەخمەت يەتسە، ياتسىدۇ، ئولتۇرسىدۇ، تۇرسىدۇ، (ئۇنى دەپئى قىلىشىمىزنى تىلەپ) بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان - زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك، يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى
12:88
فَلَمَّا دَخَلُوا عَلَيْهِ قَالُوا يَا أَيُّهَا الْعَزِيزُ مَسَّنَا وَأَهْلَنَا الضُّرُّ وَجِئْنَا بِبِضَاعَةٍ مُّزْجَاةٍ فَأَوْفِ لَنَا الْكَيْلَ وَتَصَدَّقْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّ اللَّهَ يَجْزِي الْمُتَصَدِّقِينَ
ئۇلار يۇسۇفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، (ئالدىڭغا) ناچار ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى
16:53
وَمَا بِكُم مِّن نِّعْمَةٍ فَمِنَ اللَّهِ ۖ ثُمَّ إِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فَإِلَيْهِ تَجْأَرُونَ
سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بەرگەن، سىلەرگە بىر ئېغىرچىلىق يەتسە، ئاللاھ قا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر
16:54
ثُمَّ إِذَا كَشَفَ الضُّرَّ عَنكُمْ إِذَا فَرِيقٌ مِّنكُم بِرَبِّهِمْ يُشْرِكُونَ
ئاللاھ سىلەردىن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاراڭلاردىن بىر بۆلۈك ئادەم دەرھال ئۆز پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرىدۇ
17:56
قُلِ ادْعُوا الَّذِينَ زَعَمْتُم مِّن دُونِهِ فَلَا يَمْلِكُونَ كَشْفَ الضُّرِّ عَنكُمْ وَلَا تَحْوِيلًا
داۋۇتقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق، سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ خۇدا دەپ ئويلىغانلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ قولىدىن سىلەردىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشمۇ ۋە ئۇنى (باشقىلارغا) يۆتكەپ قويۇشمۇ كەلمەيدۇ
17:67
وَإِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فِي الْبَحْرِ ضَلَّ مَن تَدْعُونَ إِلَّا إِيَّاهُ ۖ فَلَمَّا نَجَّاكُمْ إِلَى الْبَرِّ أَعْرَضْتُمْ ۚ وَكَانَ الْإِنسَانُ كَفُورًا
سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا، ئېسىڭلارغا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلار كەلمەي، پەقەت ئاللاھ لا كېلىدۇ (يەنى ئىنسان مۇنداق چاغدا ئاللاھ تىن باشقىغا ئىلتىجا قىلمايدۇ)، ئاللاھ سىلەرنى (غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزۇپ، (ئامان - ئېسەن) قۇرۇقلۇققا چىقارغاندا يۈز ئۆرۈيسىلەر (يەنى ئىخلاسىڭلار تۈگەپ ئاۋۋالقى ھالىتىڭلارغا قايتىۋالىسىلەر). ئىنسان كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر (يەنى ئاللاھ نىڭ نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر)
21:83
وَأَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الضُّرُّ وَأَنتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
(ئەييۇبنىڭ قسسسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا: «ھەقىقەتەن مېنى بال (يەنى قاتتىق كېسەل) ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن» دەپ دۇئا قىلدى