2:178
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِصَاصُ فِي الْقَتْلَى ۖ الْحُرُّ بِالْحُرِّ وَالْعَبْدُ بِالْعَبْدِ وَالْأُنثَىٰ بِالْأُنثَىٰ ۚ فَمَنْ عُفِيَ لَهُ مِنْ أَخِيهِ شَيْءٌ فَاتِّبَاعٌ بِالْمَعْرُوفِ وَأَدَاءٌ إِلَيْهِ بِإِحْسَانٍ ۗ ذَٰلِكَ تَخْفِيفٌ مِّن رَّبِّكُمْ وَرَحْمَةٌ ۗ فَمَنِ اعْتَدَىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَلَهُ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئى مۆمىنلەر! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ھۆر ئادەم ئۈچۈن ھۆر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن قىساس ئېلىنىدۇ. قاتىل ئۈچۈن (دىنىي) قېرىندىشى تەرىپىدىن بىرنەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى قاتىلدىن دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچسە، ئۇ، جىنايەتچىدىن دىيەتنى) چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى لازىم، (جىنايەتچىمۇ دىيەتنى) ياخشىلىقچە (يەنى كېچىكتۈرمەستىن، كېمەيتىۋەتمەستىن تولۇق) بېرىشى لازىم. بۇ (ھۆكۈم) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (سىلەرگە بېرىلگەن) يېنىكلىتىشتۇر ۋە رەھمەتتۇر. شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى دىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن)، چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن (يەنى قاتىلنى ئۆلتۈرگەن) ئادەم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
2:191
وَاقْتُلُوهُمْ حَيْثُ ثَقِفْتُمُوهُمْ وَأَخْرِجُوهُم مِّنْ حَيْثُ أَخْرَجُوكُمْ ۚ وَالْفِتْنَةُ أَشَدُّ مِنَ الْقَتْلِ ۚ وَلَا تُقَاتِلُوهُمْ عِندَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ حَتَّىٰ يُقَاتِلُوكُمْ فِيهِ ۖ فَإِن قَاتَلُوكُمْ فَاقْتُلُوهُمْ ۗ كَذَٰلِكَ جَزَاءُ الْكَافِرِينَ
ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) (ئۇلار ھەرەمدە بولسۇن، باشقا يەردە بولسۇن، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا بولسۇن) ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن (يەنى مەككىدىن) چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرمۇ ئۇلارنى يۇرتىدىن چىقىرىۋېتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلىش ئۇرۇشتىنمۇ ياماندۇر. تاكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچمىغىچە مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەگەر ئۇلار (مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا) ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېرىڭلار. كاپىرلارنىڭ جازاسى شۇنداق بولىدۇ
2:217
يَسْأَلُونَكَ عَنِ الشَّهْرِ الْحَرَامِ قِتَالٍ فِيهِ ۖ قُلْ قِتَالٌ فِيهِ كَبِيرٌ ۖ وَصَدٌّ عَن سَبِيلِ اللَّهِ وَكُفْرٌ بِهِ وَالْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَإِخْرَاجُ أَهْلِهِ مِنْهُ أَكْبَرُ عِندَ اللَّهِ ۚ وَالْفِتْنَةُ أَكْبَرُ مِنَ الْقَتْلِ ۗ وَلَا يَزَالُونَ يُقَاتِلُونَكُمْ حَتَّىٰ يَرُدُّوكُمْ عَن دِينِكُمْ إِنِ اسْتَطَاعُوا ۚ وَمَن يَرْتَدِدْ مِنكُمْ عَن دِينِهِ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَأُولَٰئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ وَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن: «ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر؛ ئاللاھ نىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھ قا كۇفرىلىق قىلىش، مەسجىدى ھەرەمدا (ئىبادەت قىلىشتىن) توسۇش ۋە مەسجىدى ھەرەمدىن ئاھالىنى ھەيدەپ چىقىرىش ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر، پىتنە (يەنى مۆمىنلەرگە زىيانداشلىق قىلىش) ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر». ئۇلار (يەنى كۇففارلار) قولىدىن كەلسىلا سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۇۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كاپىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
3:154
ثُمَّ أَنزَلَ عَلَيْكُم مِّن بَعْدِ الْغَمِّ أَمَنَةً نُّعَاسًا يَغْشَىٰ طَائِفَةً مِّنكُمْ ۖ وَطَائِفَةٌ قَدْ أَهَمَّتْهُمْ أَنفُسُهُمْ يَظُنُّونَ بِاللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ ظَنَّ الْجَاهِلِيَّةِ ۖ يَقُولُونَ هَل لَّنَا مِنَ الْأَمْرِ مِن شَيْءٍ ۗ قُلْ إِنَّ الْأَمْرَ كُلَّهُ لِلَّهِ ۗ يُخْفُونَ فِي أَنفُسِهِم مَّا لَا يُبْدُونَ لَكَ ۖ يَقُولُونَ لَوْ كَانَ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ شَيْءٌ مَّا قُتِلْنَا هَاهُنَا ۗ قُل لَّوْ كُنتُمْ فِي بُيُوتِكُمْ لَبَرَزَ الَّذِينَ كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقَتْلُ إِلَىٰ مَضَاجِعِهِمْ ۖ وَلِيَبْتَلِيَ اللَّهُ مَا فِي صُدُورِكُمْ وَلِيُمَحِّصَ مَا فِي قُلُوبِكُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە ئەمىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقىي مۆمىنلەرنى) مۈگدەك باستى، يەنە بىر قىسمىڭلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆزلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى (يەنى كۇففارلار قايتا ھۇجۇم قىلارمۇ، دەپ جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى)، بۇلار، جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھ قا قارىتا ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى، ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. ئېيتىقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن ئاللاھ نىڭ ئىلكىدە». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىدە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرەلمەيتتۇق» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ (ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ (ئاللاھ نىڭ قازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ). (ئاللاھ نىڭ مۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى پاكلاش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كۆڭۈللەردىكىنى (ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) بىلگۈچىدۇر»
17:33
وَلَا تَقْتُلُوا النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ ۗ وَمَن قُتِلَ مَظْلُومًا فَقَدْ جَعَلْنَا لِوَلِيِّهِ سُلْطَانًا فَلَا يُسْرِف فِّي الْقَتْلِ ۖ إِنَّهُ كَانَ مَنصُورًا
ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلاركى، ئاللاھ (ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشنى (ھارام قىلدى، كىمكى ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، (قاتىلدىن قىساس ئېلىش، يا دىيەت ئېلىش، يا كەچۈرۈم قىلىش) ھوقۇقىنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسىنىڭ قولىدا قىلدۇق، ئىگىسى قىساس ئېلىشتا چەكتىن چىقىپ كەتمىسۇن (قاتىلدىن غەيرىنى ئۆلتۈرۈش، يا ئۇنىڭ ئەزالىرىنى كېسىش، بىر ئادەم ئۈچۈن ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلمىسۇن)، (ناھەق ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ) ئىگىسىگە ئاللاھ ھەقىقەتەن مەدەتكاردۇر
33:16
قُل لَّن يَنفَعَكُمُ الْفِرَارُ إِن فَرَرْتُم مِّنَ الْمَوْتِ أَوِ الْقَتْلِ وَإِذًا لَّا تُمَتَّعُونَ إِلَّا قَلِيلًا
ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆلۈمدىن يا ئۆلتۈرۈلۈشتىن قاچساڭلار، قېچىشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، قاچقاندىمۇ سىلەر (دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولالايسىلەر»