16:105
إِنَّمَا يَفْتَرِي الْكَذِبَ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْكَاذِبُونَ
پەقەت ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارلا (ئاللاھ قا) يالغان چاپلايدۇ، (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) يالغانچى ئەمەس) دەل ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يالغانچىدۇر
24:13
لَّوْلَا جَاءُوا عَلَيْهِ بِأَرْبَعَةِ شُهَدَاءَ ۚ فَإِذْ لَمْ يَأْتُوا بِالشُّهَدَاءِ فَأُولَٰئِكَ عِندَ اللَّهِ هُمُ الْكَاذِبُونَ
ئۇلار نېمىشقا تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەن ئىكەن، ئۇلار ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە يالغانچى ھېسابلىنىدۇ
58:18
يَوْمَ يَبْعَثُهُمُ اللَّهُ جَمِيعًا فَيَحْلِفُونَ لَهُ كَمَا يَحْلِفُونَ لَكُمْ ۖ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ عَلَىٰ شَيْءٍ ۚ أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ الْكَاذِبُونَ
ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدا «بىز مۇسۇلمانمىز» دەپ يالغاندىن) سىلەرگە قەسەم ئىچكەندەك ئاللاھ قا قەسەم ئىچىدۇ، ئۇلار بۇ قەسەمنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىسى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئاگاھ بۇلۇڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر