2:164
إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَالْفُلْكِ الَّتِي تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِمَا يَنفَعُ النَّاسَ وَمَا أَنزَلَ اللَّهُ مِنَ السَّمَاءِ مِن مَّاءٍ فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِن كُلِّ دَابَّةٍ وَتَصْرِيفِ الرِّيَاحِ وَالسَّحَابِ الْمُسَخَّرِ بَيْنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان - زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (ئاللاھ نىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر
2:187
أُحِلَّ لَكُمْ لَيْلَةَ الصِّيَامِ الرَّفَثُ إِلَىٰ نِسَائِكُمْ ۚ هُنَّ لِبَاسٌ لَّكُمْ وَأَنتُمْ لِبَاسٌ لَّهُنَّ ۗ عَلِمَ اللَّهُ أَنَّكُمْ كُنتُمْ تَخْتَانُونَ أَنفُسَكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ وَعَفَا عَنكُمْ ۖ فَالْآنَ بَاشِرُوهُنَّ وَابْتَغُوا مَا كَتَبَ اللَّهُ لَكُمْ ۚ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ۖ ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ ۚ وَلَا تُبَاشِرُوهُنَّ وَأَنتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ ۗ تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلَا تَقْرَبُوهَا ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارىلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارىلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر). ئاللاھ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسى يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن)، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ (ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ
2:274
الَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَالَهُم بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ سِرًّا وَعَلَانِيَةً فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
ماللىرىنى كېچە - كۈندۈز (يەنى ھەممە ۋاقىت)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير - ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ
3:27
تُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَتُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ ۖ وَتُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَتُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ ۖ وَتَرْزُقُ مَن تَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن (شۇنىڭ بىلەن، كېچە - كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)؛ جانلىقنى (يەنى تىرىك بولغان ئىنساننى، ھايۋاننى) جانسىزدىن (يەنى جانلىق بولغان ئابىمەنىيدىن) چىقىرىسەن، جانسىزنى (يەنى جانسىز بولغان ئابىمەنىينى) جانلىقتىن (يەنى جانلىق بولغان ئىنساندىن، ھايۋاندىن) چىقىرىسەن؛ ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن»
3:113
لَيْسُوا سَوَاءً ۗ مِّنْ أَهْلِ الْكِتَابِ أُمَّةٌ قَائِمَةٌ يَتْلُونَ آيَاتِ اللَّهِ آنَاءَ اللَّيْلِ وَهُمْ يَسْجُدُونَ
ئۇلار بىرخىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالاردىن) كېچىلىرى ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە كىشىلەر بار
3:190
إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لَآيَاتٍ لِّأُولِي الْأَلْبَابِ
شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار
6:13
وَلَهُ مَا سَكَنَ فِي اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
كېچە ۋە كۈندۈزدە جىم تۇرغان (ياكى ھەرىكەتلىنىپ تۇرغان) شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ نىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
6:60
وَهُوَ الَّذِي يَتَوَفَّاكُم بِاللَّيْلِ وَيَعْلَمُ مَا جَرَحْتُم بِالنَّهَارِ ثُمَّ يَبْعَثُكُمْ فِيهِ لِيُقْضَىٰ أَجَلٌ مُّسَمًّى ۖ ثُمَّ إِلَيْهِ مَرْجِعُكُمْ ثُمَّ يُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
ئاللاھ سىلەرنى كېچىسى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزدىكى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە ياشىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزدە سىلەرنى ئويغىتىدۇ، ئاندىن ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ
6:76
فَلَمَّا جَنَّ عَلَيْهِ اللَّيْلُ رَأَىٰ كَوْكَبًا ۖ قَالَ هَٰذَا رَبِّي ۖ فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَا أُحِبُّ الْآفِلِينَ
ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ (قەۋمىنىڭ سۆزىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى (يەنى يۇلتۇزلارغا ئىبادەت قىلىشنى) ياقتۇرمايمەن» دېدى
6:96
فَالِقُ الْإِصْبَاحِ وَجَعَلَ اللَّيْلَ سَكَنًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ حُسْبَانًا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
ئاللاھ سۈبھىنى (قاراڭغۇدىن) يېرىپ چىقارغۇچىدۇر (يەنى تاڭنى يورۇتقۇچىدۇر)، ئاللاھ كېچىنى (سىلەر ئۈچۈن) ئىستىراھەت قىلىپ ياراتتى، (سىلەرنىڭ) ۋاقىت ھېسابلىشىڭلار ئۈچۈن قۇياش بىلەن ئاينى ياراتتى، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ نىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر
7:54
إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ يَطْلُبُهُ حَثِيثًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ وَالنُّجُومَ مُسَخَّرَاتٍ بِأَمْرِهِ ۗ أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ ۗ تَبَارَكَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ
شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە (يەنى ئالتە دەۋردە) ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، ئاللاھ كېچە بىلەن (كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن) كۈندۈزنى ياپىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈز بىر - بىرىنى قوغلىشىدۇ (يەنى داۋاملىق ئورۇن ئالمىشىپ تۇرىدۇ): ئاللاھ قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئاللاھ نىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتتى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھ نىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ نىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر
10:6
إِنَّ فِي اخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَمَا خَلَقَ اللَّهُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَتَّقُونَ
كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسماندا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە (ئاللاھ تىن) قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، (ئاللاھ نىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
10:27
وَالَّذِينَ كَسَبُوا السَّيِّئَاتِ جَزَاءُ سَيِّئَةٍ بِمِثْلِهَا وَتَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۖ مَّا لَهُم مِّنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۖ كَأَنَّمَا أُغْشِيَتْ وُجُوهُهُمْ قِطَعًا مِّنَ اللَّيْلِ مُظْلِمًا ۚ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
(دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار (بىر يامانلىقنى قىلسا، قىلغان يامانلىقىغا) ئوخشاش (يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
10:67
هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَالنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَسْمَعُونَ
ئى ئىنسانلار! ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى ياراتتى، نەرسىلەرنى كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى، (ئىبرەت قۇلىقى بىلەن) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
11:81
قَالُوا يَا لُوطُ إِنَّا رُسُلُ رَبِّكَ لَن يَصِلُوا إِلَيْكَ ۖ فَأَسْرِ بِأَهْلِكَ بِقِطْعٍ مِّنَ اللَّيْلِ وَلَا يَلْتَفِتْ مِنكُمْ أَحَدٌ إِلَّا امْرَأَتَكَ ۖ إِنَّهُ مُصِيبُهَا مَا أَصَابَهُمْ ۚ إِنَّ مَوْعِدَهُمُ الصُّبْحُ ۚ أَلَيْسَ الصُّبْحُ بِقَرِيبٍ
ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «ئى لۇت! شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىدۇرمىز، ئۇلار ھەرگىزمۇ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) چىقىپ كەتكىن، ئايالىڭدىن باشقا، سىلەردىن ھېچ كىشى ئارقىسىغا قارىمىسۇن، ئۇ (يەنى ئايالىڭ) ئۇلار بىلەن بىرگە ھالاك بولغۇچىدۇر، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا ئازاب چۈشىدىغان چاغ تاڭ ۋاقتىدۇر، تاڭ يېقىن ئەمەسمۇ؟» دېدى
11:114
وَأَقِمِ الصَّلَاةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ وَزُلَفًا مِّنَ اللَّيْلِ ۚ إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِ ۚ ذَٰلِكَ ذِكْرَىٰ لِلذَّاكِرِينَ
كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە (يەنى ئەتىگەندە ۋە كەچقۇرۇن ۋاقىتلىرىدا) ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر
13:3
وَهُوَ الَّذِي مَدَّ الْأَرْضَ وَجَعَلَ فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْهَارًا ۖ وَمِن كُلِّ الثَّمَرَاتِ جَعَلَ فِيهَا زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ ۖ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
ئاللاھ يەر يۈزىنى (ئۇزۇنسىغا ۋە توغرىسىغا) سوزۇپ كەڭ ياراتتى، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى ياراتتى، مېۋىلەرنىڭ ھەربىر تۈرىنى ئەركەك - چىشى - ئىككى جىنسلىق قىلىپ ياراتتى. كېچىنى كۈندۈزگە كىرىشتۈردى (يەنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن كۈندۈزنىڭ يورۇقلۇقىنى ياپتى). بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار
13:10
سَوَاءٌ مِّنكُم مَّنْ أَسَرَّ الْقَوْلَ وَمَن جَهَرَ بِهِ وَمَنْ هُوَ مُسْتَخْفٍ بِاللَّيْلِ وَسَارِبٌ بِالنَّهَارِ
سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يوشۇرۇن سۆز قىلغان، ئاشكارا سۆز قىلغان، كېچىسى يوشۇرۇنغان، كۈندۈزى ئاشكارا يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى (ئاللاھ ئۈچۈن ئېيتقاندا) ئوخشاشتۇر (يەنى ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ)
14:33
وَسَخَّرَ لَكُمُ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ دَائِبَيْنِ ۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ
سىلەرگە ئاي بىلەن كۈننى تەرتىپلىك دەۋر قىلىپ تۇرىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى
15:65
فَأَسْرِ بِأَهْلِكَ بِقِطْعٍ مِّنَ اللَّيْلِ وَاتَّبِعْ أَدْبَارَهُمْ وَلَا يَلْتَفِتْ مِنكُمْ أَحَدٌ وَامْضُوا حَيْثُ تُؤْمَرُونَ
كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ يولغا چىققىن، ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭغىن، سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، سىلەر بۇيرۇلغان يەرگە يەتكۈچە ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىڭلار»،
16:12
وَسَخَّرَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ وَالنُّجُومُ مُسَخَّرَاتٌ بِأَمْرِهِ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى، كۈندۈزنى، كۈننى، ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، يۇلتۇزلارمۇ ئاللاھ نىڭ ئەمرى بىلەن بويسۇندۇرۇلغاندۇر؛ چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار
17:12
وَجَعَلْنَا اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ آيَتَيْنِ ۖ فَمَحَوْنَا آيَةَ اللَّيْلِ وَجَعَلْنَا آيَةَ النَّهَارِ مُبْصِرَةً لِّتَبْتَغُوا فَضْلًا مِّن رَّبِّكُمْ وَلِتَعْلَمُوا عَدَدَ السِّنِينَ وَالْحِسَابَ ۚ وَكُلَّ شَيْءٍ فَصَّلْنَاهُ تَفْصِيلًا
كېچە بىلەن كۈندۈزنى (كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئىككى ئالامەت قىلدۇق، كېچىنىڭ ئالامىتىنى كۆتۈرۈۋەتتۇق، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىشىڭلار (يەنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تېپىش يولىدا سەئيى ھەرىكەتتە بولۇشۇڭلار) ئۈچۈن، (كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ئارقىلىق كۈنلەرنىڭ، ئايلارنىڭ) يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزنىڭ ئالامىتىنى يورۇقلۇق قىلدۇق، (دىنىي ۋە دۇنياۋى) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق
17:78
أَقِمِ الصَّلَاةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَىٰ غَسَقِ اللَّيْلِ وَقُرْآنَ الْفَجْرِ ۖ إِنَّ قُرْآنَ الْفَجْرِ كَانَ مَشْهُودًا
(ئى مۇھەممەد!) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇغىن. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، (كۈندۈزنىڭ ۋە كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى) چوقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بولىدۇ
17:79
وَمِنَ اللَّيْلِ فَتَهَجَّدْ بِهِ نَافِلَةً لَّكَ عَسَىٰ أَن يَبْعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامًا مَّحْمُودًا
ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسىمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھممەد‍! (پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى ھەقىقەتتۇر
20:130
فَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا ۖ وَمِنْ آنَاءِ اللَّيْلِ فَسَبِّحْ وَأَطْرَافَ النَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرْضَىٰ
ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن
21:20
يُسَبِّحُونَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ لَا يَفْتُرُونَ
ئۇلار كېچە - كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بوشاشمايدۇ
21:33
وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
ئاللاھ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى (ئۆزىگە خاس) پەلەكتە سەير قىلىدۇ
21:42
قُلْ مَن يَكْلَؤُكُم بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ مِنَ الرَّحْمَٰنِ ۗ بَلْ هُمْ عَن ذِكْرِ رَبِّهِم مُّعْرِضُونَ
(ئى مۇھەممەد! مەسخىرە قىلغۇچىلارغا) «سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە مەرھەمەتلىك ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن كىم ساقلايدۇ؟» دېگىن بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ كالامىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر
22:61
ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَأَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ
(شۇ نەرسە ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇركى) ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە - كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
23:80
وَهُوَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ وَلَهُ اخْتِلَافُ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنىڭ) جېنىنى ئالىدۇ، كېچە - كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ئاللاھ نىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟
24:44
يُقَلِّبُ اللَّهُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبْرَةً لِّأُولِي الْأَبْصَارِ
ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار
25:47
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ لِبَاسًا وَالنَّوْمَ سُبَاتًا وَجَعَلَ النَّهَارَ نُشُورًا
ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى لىباس، ئۇيقۇنى (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدى، كۈندۈزنى (تىرىكچىلىك ئۈچۈن زېمىندا) يېيىلىدىغان ۋاقىت قىلدى
25:62
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ خِلْفَةً لِّمَنْ أَرَادَ أَن يَذَّكَّرَ أَوْ أَرَادَ شُكُورًا
ئاللاھ (ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى) ئەسلىمەكچى بولغانلار ياكى (ئۆزىنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەردى
27:86
أَلَمْ يَرَوْا أَنَّا جَعَلْنَا اللَّيْلَ لِيَسْكُنُوا فِيهِ وَالنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
ئۇلارغا كېچىنى ئارام ئالىدىغان (ۋاقىت) قىلغانلىقىمىزنى، كۈندۈزنى (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىش ئۈچۈن) يورۇق قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
28:71
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِن جَعَلَ اللَّهُ عَلَيْكُمُ اللَّيْلَ سَرْمَدًا إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَنْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُم بِضِيَاءٍ ۖ أَفَلَا تَسْمَعُونَ
«ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگىچە ئۇزۇن سوزىدىغان بولسا، ئاللاھ تىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلەلەيدۇ، سىلەر ئاڭلىمامسىلەر؟» دېگىن
28:73
وَمِن رَّحْمَتِهِ جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَلِتَبْتَغُوا مِن فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
سىلەرنى كېچىدە ئارام ئالسۇن، كۈندۈزدە (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىپ) ئاللاھ نىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلسۇن ۋە (ئاللاھ نىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى يارىتىشى ئاللاھ نىڭ رەھمىتىدىندۇر
30:23
وَمِنْ آيَاتِهِ مَنَامُكُم بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَابْتِغَاؤُكُم مِّن فَضْلِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَسْمَعُونَ
سىلەرنىڭ كېچىسى ۋە كۈندۈزى ئۇخلىشىڭلار، (كۈندۈزى) ئاللاھ نىڭ مەرھەمىتىدىن (رىزىق) تەلەپ قىلىپ (ھەرىكەتلىنىشىڭلار) ئاللاھ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، شەك - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
31:29
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِي إِلَىٰ أَجَلٍ مُّسَمًّى وَأَنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
ئاللاھ نىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىلىدىغانلىقىنى، كۈن بىلەن ئاينى بويسۇندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمەمسەن؟ (كۈن بىلەن ئاينىڭ) ھەر بىرى مۇئەييەن مۇددەت (يەنى قىيامەت) كىچە (ئۆز پەلىكىدە) سەير قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
34:33
وَقَالَ الَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا بَلْ مَكْرُ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ إِذْ تَأْمُرُونَنَا أَن نَّكْفُرَ بِاللَّهِ وَنَجْعَلَ لَهُ أَندَادًا ۚ وَأَسَرُّوا النَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ وَجَعَلْنَا الْأَغْلَالَ فِي أَعْنَاقِ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، (سىلەرنىڭ بىزگە) كېچە - كۈندۈز قىلغان ھىيلە - مىكرىڭلار (بىزنى ئىماندىن توستى)، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھ نى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتۇڭلار» دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار (ھەر ئىككى گۇرۇھ ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرىغا) ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ
35:13
يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُّسَمًّى ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ۚ وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِهِ مَا يَمْلِكُونَ مِن قِطْمِيرٍ
ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە - كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى جايلار، پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى. ھەر ئىككىلىسى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس
36:37
وَآيَةٌ لَّهُمُ اللَّيْلُ نَسْلَخُ مِنْهُ النَّهَارَ فَإِذَا هُم مُّظْلِمُونَ
ئۇلارغا (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر ئالامەت كېچىدىن ئىبارەتكى، ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋېتىمىز - دە (يەنى كۈندۈزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋېتىمىز - دە)، ئۇلار ناگاھان قاراڭغۇدا قالىدۇ
36:40
لَا الشَّمْسُ يَنبَغِي لَهَا أَن تُدْرِكَ الْقَمَرَ وَلَا اللَّيْلُ سَابِقُ النَّهَارِ ۚ وَكُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ
37:138
وَبِاللَّيْلِ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
(ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟
39:5
خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ يُكَوِّرُ اللَّيْلَ عَلَى النَّهَارِ وَيُكَوِّرُ النَّهَارَ عَلَى اللَّيْلِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُّسَمًّى ۗ أَلَا هُوَ الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇ (يەنى ئاللاھ ئۆز ئىشىدا) غالىبتۇر. (بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
39:9
أَمَّنْ هُوَ قَانِتٌ آنَاءَ اللَّيْلِ سَاجِدًا وَقَائِمًا يَحْذَرُ الْآخِرَةَ وَيَرْجُو رَحْمَةَ رَبِّهِ ۗ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ ۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ
(ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)». ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ»
40:61
اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَالنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
(كۈندۈزى ئىشلەپ يەتكەن ھارغىنلىقتىن) ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ قىلىپ) ياراتتى، (تىرىكچىلىك يولىدا ھەرىكەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق ياراتتى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھ نىڭ ئېھسانىغا شۈكۈر قىلمايدۇ، ئاللاھ نىڭ مەرھەمىتى ۋە نېمەتلىرىگە نانكورلۇق قىلىدۇ)
41:37
وَمِنْ آيَاتِهِ اللَّيْلُ وَالنَّهَارُ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ ۚ لَا تَسْجُدُوا لِلشَّمْسِ وَلَا لِلْقَمَرِ وَاسْجُدُوا لِلَّهِ الَّذِي خَلَقَهُنَّ إِن كُنتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ
كېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھ نىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھ قا سەجدە قىلىڭلار، ئەگەر پەقەت ئاللاھ غىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار
41:38
فَإِنِ اسْتَكْبَرُوا فَالَّذِينَ عِندَ رَبِّكَ يُسَبِّحُونَ لَهُ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَهُمْ لَا يَسْأَمُونَ ۩
ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلىپ (ئاللاھ قا سەجدە قىلىشتىن) باش تارتسا، پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) كېچە - كۈندۈز ئاللاھ قا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ
45:5
وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَمَا أَنزَلَ اللَّهُ مِنَ السَّمَاءِ مِن رِّزْقٍ فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَتَصْرِيفِ الرِّيَاحِ آيَاتٌ لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ نىڭ بۇلۇتتىن (كۆكتىن) يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن رىزىقلەندۈرۈپ ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھ نىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار
50:40
وَمِنَ اللَّيْلِ فَسَبِّحْهُ وَأَدْبَارَ السُّجُودِ
كېچىدە ۋە سەجدىدىن كېيىن (يەنى پەرز نامازلارنىڭ ئارقىسىدا) تەسبىھ ئېيتقىن
51:17
كَانُوا قَلِيلًا مِّنَ اللَّيْلِ مَا يَهْجَعُونَ
ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى
52:49
وَمِنَ اللَّيْلِ فَسَبِّحْهُ وَإِدْبَارَ النُّجُومِ
كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن
57:6
يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ ۚ وَهُوَ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر
73:2
قُمِ اللَّيْلَ إِلَّا قَلِيلًا
كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە - دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن
73:6
إِنَّ نَاشِئَةَ اللَّيْلِ هِيَ أَشَدُّ وَطْئًا وَأَقْوَمُ قِيلًا
شۈبھىسىزكى، كېچىنىڭ قىيامى (يەنى كېچىدە كىشىنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ تۇرۇشى) ئەڭ مۇۋاپىقتۇر، (تىنچ بولغانلىقى ئۈچۈن) كېچىنىڭ قىرائىتى ئەڭ توغرا بولىدۇ
73:20
إِنَّ رَبَّكَ يَعْلَمُ أَنَّكَ تَقُومُ أَدْنَىٰ مِن ثُلُثَيِ اللَّيْلِ وَنِصْفَهُ وَثُلُثَهُ وَطَائِفَةٌ مِّنَ الَّذِينَ مَعَكَ ۚ وَاللَّهُ يُقَدِّرُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ ۚ عَلِمَ أَن لَّن تُحْصُوهُ فَتَابَ عَلَيْكُمْ ۖ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنَ الْقُرْآنِ ۚ عَلِمَ أَن سَيَكُونُ مِنكُم مَّرْضَىٰ ۙ وَآخَرُونَ يَضْرِبُونَ فِي الْأَرْضِ يَبْتَغُونَ مِن فَضْلِ اللَّهِ ۙ وَآخَرُونَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنْهُ ۚ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا ۚ وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنفُسِكُم مِّنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِندَ اللَّهِ هُوَ خَيْرًا وَأَعْظَمَ أَجْرًا ۚ وَاسْتَغْفِرُوا اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلارنىڭ (يەنى ساھابىلەر) دىن بىر توپ ئادەمنىڭ (تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن) كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ (ئۇزۇنلۇقى) نى ئاللاھ ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلدى (يەنى كېچىدە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى) ئەمەلدىن قالدۇردى، تەھەججۇد نامىزىدىن سىلەرگە قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، ئاللاھ بىلىدۇكى، بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىسىلەر، بەزىلەر ئاللاھ نىڭ پەزلىنى تىلەپ (يەنى تىجارەت قىلىپ) يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر ئاللاھ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن (يەنى تەھەججۇد نامىزىدىن) قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھ قا قەرزىي ھەسەنە بېرىڭلار (يەنى ئاللاھ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل - مال سەرپ قىلىڭلار)، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر (دۇنيا بولسا پانىيدۇر، ئاخىرەت بولسا باقىيدۇر ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ھەممىدىن ئارتۇقتۇر)، ئاللاھ تىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
74:33
وَاللَّيْلِ إِذْ أَدْبَرَ
ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى،
76:26
وَمِنَ اللَّيْلِ فَاسْجُدْ لَهُ وَسَبِّحْهُ لَيْلًا طَوِيلًا
كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت
78:10
وَجَعَلْنَا اللَّيْلَ لِبَاسًا
كېچىنى لىباس قىلدۇق
81:17
وَاللَّيْلِ إِذَا عَسْعَسَ
قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن،
84:17
وَاللَّيْلِ وَمَا وَسَقَ
شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى
89:4
وَاللَّيْلِ إِذَا يَسْرِ
سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى، بىلەن قۇربانلىق كۈنى بىلەن، قەسەمكى، (كاپىرلارغا ئازاب قىلىمىز)
91:4
وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَاهَا
قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،
92:1
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَىٰ
قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى،
93:2
وَاللَّيْلِ إِذَا سَجَىٰ
قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،