5:42
سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ أَكَّالُونَ لِلسُّحْتِ ۚ فَإِن جَاءُوكَ فَاحْكُم بَيْنَهُمْ أَوْ أَعْرِضْ عَنْهُمْ ۖ وَإِن تُعْرِضْ عَنْهُمْ فَلَن يَضُرُّوكَ شَيْئًا ۖ وَإِنْ حَكَمْتَ فَاحْكُم بَيْنَهُم بِالْقِسْطِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ
ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، (پارا ۋە جازانىغا ئوخشاش) ھارامنى يېگۈچىلەردۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا (دەۋالىشىپ كەلسە)، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ قويساڭ، ياكى ئۇنى رەت قىلساڭ بولىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ياكى ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈش سېنىڭ ئىختىيارىڭ)، ئەگەر ئۇلارنى رەت قىلساڭ، ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ (چۈنكى ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ)، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلساڭ، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ
49:9
وَإِن طَائِفَتَانِ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ اقْتَتَلُوا فَأَصْلِحُوا بَيْنَهُمَا ۖ فَإِن بَغَتْ إِحْدَاهُمَا عَلَى الْأُخْرَىٰ فَقَاتِلُوا الَّتِي تَبْغِي حَتَّىٰ تَفِيءَ إِلَىٰ أَمْرِ اللَّهِ ۚ فَإِن فَاءَتْ فَأَصْلِحُوا بَيْنَهُمَا بِالْعَدْلِ وَأَقْسِطُوا ۖ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ
ئەگەر مۆمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھ نىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر (يەنى تاجاۋۇزىنى توختاتقانغا قەدەر) ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھ نىڭ ئەمرىگە) قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى (ھېچبىر تەرەپكە يان باسماستىن) ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، (ھەممە ئىشتا) ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ
60:8
لَّا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُم مِّن دِيَارِكُمْ أَن تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ
(كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ