3:126
وَمَا جَعَلَهُ اللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ لَكُمْ وَلِتَطْمَئِنَّ قُلُوبُكُم بِهِ ۗ وَمَا النَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِندِ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
ئاللاھ ئۇنى (يەنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى) پەقەت سىلەرگە خۇش خەۋەر بولسۇن ۋە دىلىڭلار شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولسۇن (شۇنىڭ بىلەن دۈشمەننىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن قورقمىسۇن) دەپ قىلدى. ياردەم پەقەت غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر
8:10
وَمَا جَعَلَهُ اللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ وَلِتَطْمَئِنَّ بِهِ قُلُوبُكُمْ ۚ وَمَا النَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِندِ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
ئاللاھ سىلەرگە پەقەت (غەلىبە قىلىدىغانلىقىڭلارغا) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
8:72
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَهَاجَرُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَالَّذِينَ آوَوا وَّنَصَرُوا أُولَٰئِكَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَلَمْ يُهَاجِرُوا مَا لَكُم مِّن وَلَايَتِهِم مِّن شَيْءٍ حَتَّىٰ يُهَاجِرُوا ۚ وَإِنِ اسْتَنصَرُوكُمْ فِي الدِّينِ فَعَلَيْكُمُ النَّصْرُ إِلَّا عَلَىٰ قَوْمٍ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُم مِّيثَاقٌ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
ئىمان ئېيتقانلار، (ئاللاھ نى ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيۈش يۈزىسىدىن يۇرتىنى تاشلاپ) ھىجرەت قىلغان، پۇل - ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يەنى مۇھاجىرلار)، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار) - ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە بىر - بىرىگە ئىگىدۇر (يەنى بىر - بىرىگە ياردەمچىدۇر، بىر - بىرىگە مىراسخوردۇر). ئىمان ئېيتقان ئەمما (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلمىغانلار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تاكى ئۇلار ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئۆزئارا ئىگە بولۇش (يەنى ياردەملىشىش، مىراسخور بولۇش) بولمايدۇ؛ ئەگەر دىن ئىشىدا ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىشىم بولمىسىلا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر