4:86
وَإِذَا حُيِّيتُم بِتَحِيَّةٍ فَحَيُّوا بِأَحْسَنَ مِنْهَا أَوْ رُدُّوهَا ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ حَسِيبًا
سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار (يەنى بىر كىشى ئەسسالامۇئەلەيكۇم دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دەڭلار)، ياكى ئۇنىڭ سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار (يەنى ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەڭلار). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىدىن (يەنى بەندىلىرىنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىدىن ھېساب ئالغۇچىدۇر
7:145
وَكَتَبْنَا لَهُ فِي الْأَلْوَاحِ مِن كُلِّ شَيْءٍ مَّوْعِظَةً وَتَفْصِيلًا لِّكُلِّ شَيْءٍ فَخُذْهَا بِقُوَّةٍ وَأْمُرْ قَوْمَكَ يَأْخُذُوا بِأَحْسَنِهَا ۚ سَأُرِيكُمْ دَارَ الْفَاسِقِينَ
بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا (ئىسرائىل ئەۋلادى دىنىدا موھتاج بولغان) ۋەز - نەسىھەت، (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يازدۇق. (ئى مۇسا) ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن، سىلەرگە پاسىقلار (يەنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى) نىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن
16:96
مَا عِندَكُمْ يَنفَدُ ۖ وَمَا عِندَ اللَّهِ بَاقٍ ۗ وَلَنَجْزِيَنَّ الَّذِينَ صَبَرُوا أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەۋر قىلغۇچىلارغا، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز
16:97
مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً ۖ وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئەر - ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيانىڭ قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز
39:35
لِيُكَفِّرَ اللَّهُ عَنْهُمْ أَسْوَأَ الَّذِي عَمِلُوا وَيَجْزِيَهُمْ أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇلارغا قىلغان ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى بويىچە ساۋاب بېرىدۇ