6:31
قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِلِقَاءِ اللَّهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءَتْهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً قَالُوا يَا حَسْرَتَنَا عَلَىٰ مَا فَرَّطْنَا فِيهَا وَهُمْ يَحْمِلُونَ أَوْزَارَهُمْ عَلَىٰ ظُهُورِهِمْ ۚ أَلَا سَاءَ مَا يَزِرُونَ
ئاللاھ قا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى قايتا تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادىكى بىپەرۋالىقىمىزدىن نادامەت» دەيدۇ. گۇناھلىرىنى ئۈستىلىرىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ (گۇناھلارنى) يۈكلىگىنى نېمىدېگەن يامان!
6:154
ثُمَّ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ تَمَامًا عَلَى الَّذِي أَحْسَنَ وَتَفْصِيلًا لِّكُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لَّعَلَّهُم بِلِقَاءِ رَبِّهِمْ يُؤْمِنُونَ
ئاندىن ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدىغان نېمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ دىنىي ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولغان) ھەر بىر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) ئاتا قىلدۇق
10:45
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ كَأَن لَّمْ يَلْبَثُوا إِلَّا سَاعَةً مِّنَ النَّهَارِ يَتَعَارَفُونَ بَيْنَهُمْ ۚ قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِلِقَاءِ اللَّهِ وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ
قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ قا مۇلاقات بولۇشىنى (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىنى) ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى
13:2
اللَّهُ الَّذِي رَفَعَ السَّمَاوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ۖ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُّسَمًّى ۚ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُم بِلِقَاءِ رَبِّكُمْ تُوقِنُونَ
ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى دۇنيانىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىقىچە) سەير قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ
23:33
وَقَالَ الْمَلَأُ مِن قَوْمِهِ الَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِلِقَاءِ الْآخِرَةِ وَأَتْرَفْنَاهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا مَا هَٰذَا إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ يَأْكُلُ مِمَّا تَأْكُلُونَ مِنْهُ وَيَشْرَبُ مِمَّا تَشْرَبُونَ
ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر بولغان، ئاخىرەت مۇكاپاتىنى يالغان چىقارغان ۋە بۇ دۇنيادا بىز تەرەپتىن باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىنغان كاتتىلىرى ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ.
30:8
أَوَلَمْ يَتَفَكَّرُوا فِي أَنفُسِهِم ۗ مَّا خَلَقَ اللَّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ وَأَجَلٍ مُّسَمًّى ۗ وَإِنَّ كَثِيرًا مِّنَ النَّاسِ بِلِقَاءِ رَبِّهِمْ لَكَافِرُونَ
ئۇلار (ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى (يۇلتۇز قاتارلىق) نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ۋە مۇئەييەن ۋاقىتلىق قىلىپ ياراتتى، شەك – شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى (قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى، قىلغان ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ياكى جازالىنىدىغانلىقىنى) ئىنكار قىلغۇچىدۇر
32:10
وَقَالُوا أَإِذَا ضَلَلْنَا فِي الْأَرْضِ أَإِنَّا لَفِي خَلْقٍ جَدِيدٍ ۚ بَلْ هُم بِلِقَاءِ رَبِّهِمْ كَافِرُونَ
ئۇلار: «يەر ئاستىدا يوقالغاندىن كېيىن (يەنى گۆردە توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن) راستلا قايتا يارىتىلامدۇق؟» دەيدۇ، بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر