2:166
إِذْ تَبَرَّأَ الَّذِينَ اتُّبِعُوا مِنَ الَّذِينَ اتَّبَعُوا وَرَأَوُا الْعَذَابَ وَتَقَطَّعَتْ بِهِمُ الْأَسْبَابُ
ئەينى ۋاقىتتا ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئازابنى كۆرۈپ، ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا - جۇدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى (يەنى دۇنيادىكى دوستلۇقى) ئۈزۈلىدۇ
2:167
وَقَالَ الَّذِينَ اتَّبَعُوا لَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَتَبَرَّأَ مِنْهُمْ كَمَا تَبَرَّءُوا مِنَّا ۗ كَذَٰلِكَ يُرِيهِمُ اللَّهُ أَعْمَالَهُمْ حَسَرَاتٍ عَلَيْهِمْ ۖ وَمَا هُم بِخَارِجِينَ مِنَ النَّارِ
ئەگەشكۈچىلەر: «كاشكى بىزلەرگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، ئۇلار بىزدىن ئادا - جۇدا بولغاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا - جۇدا بولاتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا (يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەسرەت بولغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن چىقمايدۇ
9:114
وَمَا كَانَ اسْتِغْفَارُ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ إِلَّا عَن مَّوْعِدَةٍ وَعَدَهَا إِيَّاهُ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ أَنَّهُ عَدُوٌّ لِّلَّهِ تَبَرَّأَ مِنْهُ ۚ إِنَّ إِبْرَاهِيمَ لَأَوَّاهٌ حَلِيمٌ
ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھ نىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاتىسى بىلەن ئادا - جۇدا بولدى. ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆپ ئاھ چەككۈچى (يەنى كۆڭلى يۇمشاق)، (يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) چىداملىق ئىدى
28:63
قَالَ الَّذِينَ حَقَّ عَلَيْهِمُ الْقَوْلُ رَبَّنَا هَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ أَغْوَيْنَا أَغْوَيْنَاهُمْ كَمَا غَوَيْنَا ۖ تَبَرَّأْنَا إِلَيْكَ ۖ مَا كَانُوا إِيَّانَا يَعْبُدُونَ
ئۆزلىرىگە ئازاب تېگىشلىك بولغانلار (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرى): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز (سېنىڭ يولۇڭدىن) ئازدۇرغانلارنى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرىمىزنى) ئۆزىمىز ئازغاندەك ئازدۇردۇق، (پەرۋەردىگارىمىز!) ئۇلاردىن يىراقلىشىپ ساڭا يېقىنلاشتۇق، ئۇلار بىزگە ئىبادەت قىلمايتتى (پەقەت نەپسى خاھىشلىرىغا ئىبادەت قىلاتتى)» دېيىشىدۇ