6:80
وَحَاجَّهُ قَوْمُهُ ۚ قَالَ أَتُحَاجُّونِّي فِي اللَّهِ وَقَدْ هَدَانِ ۚ وَلَا أَخَافُ مَا تُشْرِكُونَ بِهِ إِلَّا أَن يَشَاءَ رَبِّي شَيْئًا ۗ وَسِعَ رَبِّي كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا ۗ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، مەن بىلەن ئاللاھ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن، پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭلا خالىغان نەرسىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، (مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ماڭا ھېچبىر زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى) ئويلىمامسىلەر!
32:4
اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ مَا لَكُم مِّن دُونِهِ مِن وَلِيٍّ وَلَا شَفِيعٍ ۚ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. سىلەرگە ئاللاھ تىن باشقا ھېچقانداق ئىگە يوق، شاپائەت قىلغۇچىمۇ يوق (بۇنى) پىكىر قىلىپ (ئىمان ئېيتمامسىلەر؟)
40:58
وَمَا يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَلَا الْمُسِيءُ ۚ قَلِيلًا مَّا تَتَذَكَّرُونَ
ئەما بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن بىلەن كاپىر) باراۋەر بولمايدۇ، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغۇچى ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر ئاز ۋەز - نەسىھەت ئالىسىلەر