4:141
الَّذِينَ يَتَرَبَّصُونَ بِكُمْ فَإِن كَانَ لَكُمْ فَتْحٌ مِّنَ اللَّهِ قَالُوا أَلَمْ نَكُن مَّعَكُمْ وَإِن كَانَ لِلْكَافِرِينَ نَصِيبٌ قَالُوا أَلَمْ نَسْتَحْوِذْ عَلَيْكُمْ وَنَمْنَعْكُم مِّنَ الْمُؤْمِنِينَ ۚ فَاللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ وَلَن يَجْعَلَ اللَّهُ لِلْكَافِرِينَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ سَبِيلًا
ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كۈتىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھ نىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ (كاپىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ بېرىڭلار)» دەيدۇ. ئەگەر كاپىرلار زەپەر تاپسا، ئۇلار (كاپىرلارغا): «بىز سىلەردىن غالىب بولۇپ تۇرۇپ (سىلەرنى ئۆلتۈرمىدۇق) ئەمەسمۇ؟ سىلەرنى مۆمىنلەردىن ساقلىمىدىقمۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا (ھەققانىي) ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ كاپىرلارغا ھەرگىز مۆمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ
9:52
قُلْ هَلْ تَرَبَّصُونَ بِنَا إِلَّا إِحْدَى الْحُسْنَيَيْنِ ۖ وَنَحْنُ نَتَرَبَّصُ بِكُمْ أَن يُصِيبَكُمُ اللَّهُ بِعَذَابٍ مِّنْ عِندِهِ أَوْ بِأَيْدِينَا ۖ فَتَرَبَّصُوا إِنَّا مَعَكُم مُّتَرَبِّصُونَ
ئېيتقىنكى، «سىلەر پەقەت بىزنىڭ (غەلىبە قىلىش ياكى شېھىت بولۇشتىن ئىبارەت) ئىككى خىل ياخشى ئاقىۋەتنىڭ بىرىگە ئېرىشىشىمىزنى كۈتۈۋاتىسىلەر، بىزمۇ ئاللاھ نىڭ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن ئازاب چۈشۈرۈشنى ياكى بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىق سىلەرنى جازالىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، سىلەرمۇ (ئۆزۈڭلارغا كەلگەننى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە (ئۆزىمىزگە كەلگەننى) كۈتەيلى»