2:272
لَّيْسَ عَلَيْكَ هُدَاهُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَن يَشَاءُ ۗ وَمَا تُنفِقُوا مِنْ خَيْرٍ فَلِأَنفُسِكُمْ ۚ وَمَا تُنفِقُونَ إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ اللَّهِ ۚ وَمَا تُنفِقُوا مِنْ خَيْرٍ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە ئاللاھ نىڭ ۋەھىسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت ئاللاھ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير - ئېھسان قىلىسىلەر (يەنى خەير - ئېھسانىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار)، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)
2:279
فَإِن لَّمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِّنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَإِن تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَالِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ
ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، ئەگەر (جازانە قىلىشتىن) تەۋبە قىلساڭلار، (قەرز بەرگەن) سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر
4:77
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ قِيلَ لَهُمْ كُفُّوا أَيْدِيَكُمْ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقِتَالُ إِذَا فَرِيقٌ مِّنْهُمْ يَخْشَوْنَ النَّاسَ كَخَشْيَةِ اللَّهِ أَوْ أَشَدَّ خَشْيَةً ۚ وَقَالُوا رَبَّنَا لِمَ كَتَبْتَ عَلَيْنَا الْقِتَالَ لَوْلَا أَخَّرْتَنَا إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ ۗ قُلْ مَتَاعُ الدُّنْيَا قَلِيلٌ وَالْآخِرَةُ خَيْرٌ لِّمَنِ اتَّقَىٰ وَلَا تُظْلَمُونَ فَتِيلًا
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى مەككىدە تۇرۇپ ئۇرۇشۇشنى تەلەپ قىلغانلارغا): «(ئۇرۇشتىن) قولۇڭلارنى يىغىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار» دېگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (يەنى ئۇلاردىن ئەجەبلەنمەمسەن؟) بۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر دۈشمەندىن گويا ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورققاندەك بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەررەك قورقىدۇ. ئۇلار (ئۆلۈمدىن قورقۇپ): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن جىھادنى پەرز قىلدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ئۇزاققا قالماي كېلىدىغان ئەجەلگىچە تەخىر قىلمىدىڭ؟ (يەنى ئەجىلىمىز يەتكۈچە تەخىر قىلساڭ، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلمىسەك بولماسمىدى؟)» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دۇنيانىڭ مەنپەئىتى ئازدۇر (يەنى دۇنيانىڭ نېمىتى پانىيدۇر)، (ئاللاھ تىن) قورققان (ۋە ئۇنىڭ ئەمرىنى تۇتقانلار) ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)»
8:60
وَأَعِدُّوا لَهُم مَّا اسْتَطَعْتُم مِّن قُوَّةٍ وَمِن رِّبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِن دُونِهِمْ لَا تَعْلَمُونَهُمُ اللَّهُ يَعْلَمُهُمْ ۚ وَمَا تُنفِقُوا مِن شَيْءٍ فِي سَبِيلِ اللَّهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ
دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھ نىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر، ئۇلارنى سىلەر تونۇمايسىلەر، ئاللاھ تونۇيدۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى بۇ ساۋابتىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ)