16:19
وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعْلِنُونَ
ئاللاھ سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارا قىلغاننىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ
27:25
أَلَّا يَسْجُدُوا لِلَّهِ الَّذِي يُخْرِجُ الْخَبْءَ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَيَعْلَمُ مَا تُخْفُونَ وَمَا تُعْلِنُونَ
ئۇلار ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلەرنى ئاشكارىلىغۇچى، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ قا سەجدە قىلمايدۇ
64:4
يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَيَعْلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعْلِنُونَ ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (نىيەتلىرىڭلاردىن، ئەمەللىرىڭلاردىن) يوشۇرغانلىرىڭلارنى ۋە ئاشكارىلىغانلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر