3:41
قَالَ رَبِّ اجْعَل لِّي آيَةً ۖ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَةَ أَيَّامٍ إِلَّا رَمْزًا ۗ وَاذْكُر رَّبَّكَ كَثِيرًا وَسَبِّحْ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ
ئۇ: ‹‹پەرۋەردىگارىم! ماڭا (ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر نىشانە ئاتا قىلغىن» دېدى. ئاللاھ: ‹‹ساڭا بولىدىغان نىشانە شۇكى، ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن (يەنى زىكرى تەسبىھ ئېيتىشتىن باشقا سۆزگە تىلىڭ كەلمەيدۇ). پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن، (نېمىتىمگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەت، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيت» دېدى
5:110
إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ اذْكُرْ نِعْمَتِي عَلَيْكَ وَعَلَىٰ وَالِدَتِكَ إِذْ أَيَّدتُّكَ بِرُوحِ الْقُدُسِ تُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا ۖ وَإِذْ عَلَّمْتُكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ ۖ وَإِذْ تَخْلُقُ مِنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ بِإِذْنِي فَتَنفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِي ۖ وَتُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ تُخْرِجُ الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ كَفَفْتُ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَنكَ إِذْ جِئْتَهُم بِالْبَيِّنَاتِ فَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُّبِينٌ
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن، ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە) بۆشۈكتە ۋە (پەيغەمبەر بولغان) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ، ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم، ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ - دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزنىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ، ئەينى زاماندا، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلەردىن) چىقىراتتىڭ، ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: «بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر» دېدى
11:105
يَوْمَ يَأْتِ لَا تَكَلَّمُ نَفْسٌ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۚ فَمِنْهُمْ شَقِيٌّ وَسَعِيدٌ
قىيامەت كۈنى بولغاندا، ھەرقانداق ئادەم ئاللاھ تىن ئىجازەت بولغاندىلا سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەتبەخت بولىدۇ، بەزىلىرى سائادەتمەن بولىدۇ
19:10
قَالَ رَبِّ اجْعَل لِّي آيَةً ۚ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَ لَيَالٍ سَوِيًّا
زەكەرىيا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! (ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا) ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «سېنىڭ ئالامىتىڭ (شۇكى) ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە - كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن»
23:108
قَالَ اخْسَئُوا فِيهَا وَلَا تُكَلِّمُونِ
ئاللاھ ئېيتىدۇ: «جەھەننەمدە خار ھالدا قىلىڭلار، (ئۈستۈڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ھەققىدە) ماڭا سۆز ئاچماڭلار»
24:16
وَلَوْلَا إِذْ سَمِعْتُمُوهُ قُلْتُم مَّا يَكُونُ لَنَا أَن نَّتَكَلَّمَ بِهَٰذَا سُبْحَانَكَ هَٰذَا بُهْتَانٌ عَظِيمٌ
ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، نېمىشقا مۇنداق سۆزلەرنى قىلىش بىزگە مۇناسىپ ئەمەس، (ئى ئاللاھ!) سەن پاكتۇرسەنكى، بۇ چوڭ بوھتاندۇر دېمىدىڭلار
27:82
وَإِذَا وَقَعَ الْقَوْلُ عَلَيْهِمْ أَخْرَجْنَا لَهُمْ دَابَّةً مِّنَ الْأَرْضِ تُكَلِّمُهُمْ أَنَّ النَّاسَ كَانُوا بِآيَاتِنَا لَا يُوقِنُونَ
ئۇلار (يەنى كۇففارلار) غا ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئىشقا ئاشقاندا (يەنى ئازاپ ۋە قىيامەت يېقىنلاشقاندا)، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ
30:35
أَمْ أَنزَلْنَا عَلَيْهِمْ سُلْطَانًا فَهُوَ يَتَكَلَّمُ بِمَا كَانُوا بِهِ يُشْرِكُونَ
ياكى ئۇلارغا ئۇلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنىشىنىڭ توغرىلىقىنى سۆزلەيدىغان بىرەر كىتاب نازىل قىلدۇقمۇ؟ (مۇنداق بولغىنى يوق)
36:65
الْيَوْمَ نَخْتِمُ عَلَىٰ أَفْوَاهِهِمْ وَتُكَلِّمُنَا أَيْدِيهِمْ وَتَشْهَدُ أَرْجُلُهُم بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ)
78:38
يَوْمَ يَقُومُ الرُّوحُ وَالْمَلَائِكَةُ صَفًّا ۖ لَّا يَتَكَلَّمُونَ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ الرَّحْمَٰنُ وَقَالَ صَوَابًا
جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)، ئۇلار (نىڭ ئارىسىدا) مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىزنىگە ئېرىشكەن ۋە توغرا سۆزنى قىلغانلاردىن باشقا ھېچ ئەھەدىنىڭ سۆز قىلىشىغا بولمايدۇ