4:16
وَاللَّذَانِ يَأْتِيَانِهَا مِنكُمْ فَآذُوهُمَا ۖ فَإِن تَابَا وَأَصْلَحَا فَأَعْرِضُوا عَنْهُمَا ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ تَوَّابًا رَّحِيمًا
ئاراڭلاردا ئىككى كىشى (يەنى ئەر بىلەن ئايال) پاھىشە قىلسا، ئۇلارنى ئەيىبلەڭلار؛ ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ تۈزەلسە، ئۇلارنى كەچۈرۈڭلار، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر
4:64
وَمَا أَرْسَلْنَا مِن رَّسُولٍ إِلَّا لِيُطَاعَ بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ إِذ ظَّلَمُوا أَنفُسَهُمْ جَاءُوكَ فَاسْتَغْفَرُوا اللَّهَ وَاسْتَغْفَرَ لَهُمُ الرَّسُولُ لَوَجَدُوا اللَّهَ تَوَّابًا رَّحِيمًا
بىز ھەر قانداق پەيغەمبەرنى پەقەت ئىتائەت قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىق ئاللاھ قا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ)، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (سېنىڭ ھۆكىمىڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، ساڭا كېلىپ ئاللاھ تىن مەغپىرەت تىلىسە، پەيغەمبەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئاللاھ نى كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان تاپاتتى
110:3
فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَاسْتَغْفِرْهُ ۚ إِنَّهُ كَانَ تَوَّابًا
رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر