5:73
لَّقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ ثَالِثُ ثَلَاثَةٍ ۘ وَمَا مِنْ إِلَٰهٍ إِلَّا إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۚ وَإِن لَّمْ يَنتَهُوا عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر، دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىر بولغانلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا قالىدۇ
36:14
إِذْ أَرْسَلْنَا إِلَيْهِمُ اثْنَيْنِ فَكَذَّبُوهُمَا فَعَزَّزْنَا بِثَالِثٍ فَقَالُوا إِنَّا إِلَيْكُم مُّرْسَلُونَ
ئەينى زاماندا ئۇلارغا ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى. ئۈچىنچى پەيغەمبەرنى ئەۋەتىش بىلەن (ئۇلارغا) ياردەم قىلدۇق، پەيغەمبەرلەر (ئۇلارغا): «بىز ھەقىقەتەن (ئاللاھ نىڭ) سىلەرگە (يەنى سىلەرنى ھىدايەت قىلىشقا) ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىمىز» دېدى
53:20
وَمَنَاةَ الثَّالِثَةَ الْأُخْرَىٰ
ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (ئاللاھ تائالادەك كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟)