5:53
وَيَقُولُ الَّذِينَ آمَنُوا أَهَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ أَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ ۙ إِنَّهُمْ لَمَعَكُمْ ۚ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فَأَصْبَحُوا خَاسِرِينَ
(بۇ مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان ھىيلە - مىكرى پاش قىلىنغاندا) مۆمىنلەر (بىر - بىرىگە): «سىلەر بىلەن چوقۇم بىللە ئىكەنلىكلىرىگە ئاللاھ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشكەنلەرمۇ شۇ كىشىلەرمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچى بولدى
6:109
وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لَئِن جَاءَتْهُمْ آيَةٌ لَّيُؤْمِنُنَّ بِهَا ۚ قُلْ إِنَّمَا الْآيَاتُ عِندَ اللَّهِ ۖ وَمَا يُشْعِرُكُمْ أَنَّهَا إِذَا جَاءَتْ لَا يُؤْمِنُونَ
ئەگەر ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى (بىلدۈرۈپ) ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) مۆجىزىلەر (مېنىڭ ئەمەس)، ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدىكى ئىش، دېگىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر نېمىنى بىلىسىلەر؟ مۆجىزىلەر كەلسە، ئۇلار، ئېھتىمال، ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكلىرى مۇمكىن
9:79
الَّذِينَ يَلْمِزُونَ الْمُطَّوِّعِينَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ فِي الصَّدَقَاتِ وَالَّذِينَ لَا يَجِدُونَ إِلَّا جُهْدَهُمْ فَيَسْخَرُونَ مِنْهُمْ ۙ سَخِرَ اللَّهُ مِنْهُمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
(مۇناپىقلار) مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقتىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
16:38
وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ ۙ لَا يَبْعَثُ اللَّهُ مَن يَمُوتُ ۚ بَلَىٰ وَعْدًا عَلَيْهِ حَقًّا وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
ئۇلار: «ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرمەيدۇ» دەپ قاتتىق قەسەم ئىچىشتى، ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى) بىلمەيدۇ (شۇڭلاشقا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدۇ
24:53
وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لَئِنْ أَمَرْتَهُمْ لَيَخْرُجُنَّ ۖ قُل لَّا تُقْسِمُوا ۖ طَاعَةٌ مَّعْرُوفَةٌ ۚ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
(مۇناپىقلار) ئەگەر سەن ئۇلارنى (جىھادقا) چىقىشقا ئەمر قىلساڭ، چوقۇم چىقىدىغانلىقىغا ئاللاھ بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلىدۇ. ئېيتقىنكى، «قەسەم قىلماڭلار، (قەسىمىڭلار يالغان، سىلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى) ساداقەتلىك بىلەن ئىتائەت قىلىشتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرداردۇر»
35:42
وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لَئِن جَاءَهُمْ نَذِيرٌ لَّيَكُونُنَّ أَهْدَىٰ مِنْ إِحْدَى الْأُمَمِ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُمْ نَذِيرٌ مَّا زَادَهُمْ إِلَّا نُفُورًا
ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلسە، ھەر قانداق ئۈممەتكە قارىغاندا ئەڭ ھىدايەت تاپقۇچى بولىدىغانلىقلىرى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشتى. ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن چاغدا (ھىدايەتتىن) تېخىمۇ يىراق بولۇشتى