7:155
وَاخْتَارَ مُوسَىٰ قَوْمَهُ سَبْعِينَ رَجُلًا لِّمِيقَاتِنَا ۖ فَلَمَّا أَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ قَالَ رَبِّ لَوْ شِئْتَ أَهْلَكْتَهُم مِّن قَبْلُ وَإِيَّايَ ۖ أَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ السُّفَهَاءُ مِنَّا ۖ إِنْ هِيَ إِلَّا فِتْنَتُكَ تُضِلُّ بِهَا مَن تَشَاءُ وَتَهْدِي مَن تَشَاءُ ۖ أَنتَ وَلِيُّنَا فَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا ۖ وَأَنتَ خَيْرُ الْغَافِرِينَ
مۇسا، بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىدىن 70 كىشىنى تاللىدى؛ ئۇلارغا زىلزىلە يۈزلەنگەندە، مۇسا: «پەرۋەردىگارىم! خالىغان بولساڭ ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر، شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى ئازدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن. سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن
28:68
وَرَبُّكَ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ وَيَخْتَارُ ۗ مَا كَانَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
ئاللاھ (مەخلۇقاتىدىن) خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، تاللاش ھوقوقى ئۇلاردا ئەمەس، ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر
31:32
وَإِذَا غَشِيَهُم مَّوْجٌ كَالظُّلَلِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ فَمِنْهُم مُّقْتَصِدٌ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِآيَاتِنَا إِلَّا كُلُّ خَتَّارٍ كَفُورٍ
(دېڭىزدا) ئۇلارنى تاغلاردەك دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئۇلار كامالى ئىخلاس بىلەن ئاللاھ قا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى (دېڭىز خەتەرلىرىدىن) قۇتۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا، ئۇلارنىڭ بەزىسى توغرا يولدا بولىدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت خىيانەتكار (ئاللاھ نىڭ نېمەتلىرىدىن تانغان) ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ