4:146
إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَاعْتَصَمُوا بِاللَّهِ وَأَخْلَصُوا دِينَهُمْ لِلَّهِ فَأُولَٰئِكَ مَعَ الْمُؤْمِنِينَ ۖ وَسَوْفَ يُؤْتِ اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ أَجْرًا عَظِيمًا
پەقەت (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلغان، (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەن، ئاللاھ (نىڭ كىتابى) غا چىڭ يېپىشقان، دىننى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلغان (يەنى قىلغان ئەمەلىدىن پەقەت ئاللاھ نىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن) كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مۆمىنلەر بىلەن بىللە (يەنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا) دۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرگە (ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت) بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ
12:80
فَلَمَّا اسْتَيْأَسُوا مِنْهُ خَلَصُوا نَجِيًّا ۖ قَالَ كَبِيرُهُمْ أَلَمْ تَعْلَمُوا أَنَّ أَبَاكُمْ قَدْ أَخَذَ عَلَيْكُم مَّوْثِقًا مِّنَ اللَّهِ وَمِن قَبْلُ مَا فَرَّطتُمْ فِي يُوسُفَ ۖ فَلَنْ أَبْرَحَ الْأَرْضَ حَتَّىٰ يَأْذَنَ لِي أَبِي أَوْ يَحْكُمَ اللَّهُ لِي ۖ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
ئۇلار (بۇنيامىننىڭ ئورنىغا ئۆز ئارىسىدىن بىرسىنى ئېلىپ قېلىشقا يۇسۇفنىڭ ماقۇل بولۇشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن قەسەم قىلدۇرۇپ ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۇسۇف توغرىسىدىكى خاتالىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغىچە ياكى ئاللاھ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغۇچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر