7:5
فَمَا كَانَ دَعْوَاهُمْ إِذْ جَاءَهُم بَأْسُنَا إِلَّا أَن قَالُوا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ چەككەن پەريادى: بىز ھەقىقەتەن زالىم ئىدۇق، دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى
10:10
دَعْوَاهُمْ فِيهَا سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَتَحِيَّتُهُمْ فِيهَا سَلَامٌ ۚ وَآخِرُ دَعْوَاهُمْ أَنِ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى: «ئى رەببىمىز، بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېيىشتىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ جەننەتتە (بىر - بىرىگە) بېرىدىغان سالامى: «(ئەھلى دوزاخ چېكىۋاتقان ئازابتىن) ئامان بولغايسەن (يەنى ئەسسالامۇئەلەيكۇم)» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ قا خاستۇر!» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر
21:15
فَمَا زَالَت تِّلْكَ دَعْوَاهُمْ حَتَّىٰ جَعَلْنَاهُمْ حَصِيدًا خَامِدِينَ
ئۇلارنى ئورۇلغان زىرائەتتەك ھالاك قىلىپ، جانلىرىنى ئالغىنىمىزغا قەدەر، ئۇلار يۇقىرىقى پەريادىنى تەكرارلاپ تۇردى