6:136
وَجَعَلُوا لِلَّهِ مِمَّا ذَرَأَ مِنَ الْحَرْثِ وَالْأَنْعَامِ نَصِيبًا فَقَالُوا هَٰذَا لِلَّهِ بِزَعْمِهِمْ وَهَٰذَا لِشُرَكَائِنَا ۖ فَمَا كَانَ لِشُرَكَائِهِمْ فَلَا يَصِلُ إِلَى اللَّهِ ۖ وَمَا كَانَ لِلَّهِ فَهُوَ يَصِلُ إِلَىٰ شُرَكَائِهِمْ ۗ سَاءَ مَا يَحْكُمُونَ
مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە چاھار پايلاردىن (يەنى تۆگە، كالا، قويلاردىن) ئاللاھ ئۈچۈن بىر ھەسسە (بۇتلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە) ئايرىپ قويۇپ، ئۆز گۇمانلىرىچە (ھېچقانداق دەلىلسىزلا): «بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر، بۇ مەبۇدلىرىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى. بۇتلىرىنىڭ نېسىۋېسىدىن ئاللاھ نىڭكىگە قوشۇشقا بولمايتتى، ئاللاھ نىڭ نېسىۋېسىدىن بۇتلىرىنىڭكىگە قوشۇشقا بولاتتى (مۇشرىكلار ئاللاھ قا ئاتىغان ھەسسىسىدىن بۇتلارغا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسى ئىچىدە قالدۇراتتى ۋە ئاللاھ باي، بۇنىڭغا موھتاج ئەمەس، دەيتتى. بۇتلىرىغا ئاتىغان ھەسسىسىدىن ئاللاھ قا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسىگە قايتۇرۇۋېتەتتى). ئۇلارنىڭ قارارى نېمىدېگەن قەبىھ!
7:179
وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرًا مِّنَ الْجِنِّ وَالْإِنسِ ۖ لَهُمْ قُلُوبٌ لَّا يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لَّا يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آذَانٌ لَّا يَسْمَعُونَ بِهَا ۚ أُولَٰئِكَ كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ
شەك - شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق، ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر
16:13
وَمَا ذَرَأَ لَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُخْتَلِفًا أَلْوَانُهُ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِّقَوْمٍ يَذَّكَّرُونَ
ئاللاھ يەنە يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ياراتقان رەڭگارەڭ نەرسىلەرنى (سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى)، ۋەز - نەسىھەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار
23:79
وَهُوَ الَّذِي ذَرَأَكُمْ فِي الْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا (نەسىللەندۈرۈش يولى بىلەن) ياراتتى، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر
67:24
قُلْ هُوَ الَّذِي ذَرَأَكُمْ فِي الْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى يەر يۈزىدە يارىتىپ كۆپەيتتى، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر»