2:152
فَاذْكُرُونِي أَذْكُرْكُمْ وَاشْكُرُوا لِي وَلَا تَكْفُرُونِ
مېنى (تائەت - ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش بىلەن، مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار
2:200
فَإِذَا قَضَيْتُم مَّنَاسِكَكُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَذِكْرِكُمْ آبَاءَكُمْ أَوْ أَشَدَّ ذِكْرًا ۗ فَمِنَ النَّاسِ مَن يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ
سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ نى بولسا ئاتا - بوۋاڭلارنى (پەخىرلىنىپ) ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار، بەزى كىشىلەر: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر
21:10
لَقَدْ أَنزَلْنَا إِلَيْكُمْ كِتَابًا فِيهِ ذِكْرُكُمْ ۖ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
سىلەرنىڭ شان - شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) سىلەرگە ھەقىقەتەن نازىل قىلىپ بەردۇق. (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟