24:43
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يُزْجِي سَحَابًا ثُمَّ يُؤَلِّفُ بَيْنَهُ ثُمَّ يَجْعَلُهُ رُكَامًا فَتَرَى الْوَدْقَ يَخْرُجُ مِنْ خِلَالِهِ وَيُنَزِّلُ مِنَ السَّمَاءِ مِن جِبَالٍ فِيهَا مِن بَرَدٍ فَيُصِيبُ بِهِ مَن يَشَاءُ وَيَصْرِفُهُ عَن مَّن يَشَاءُ ۖ يَكَادُ سَنَا بَرْقِهِ يَذْهَبُ بِالْأَبْصَارِ
كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر – بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى توپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن يامغۇر ياغقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرىدۇ، ئۇنى ئاللاھ خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ (يەنى ئۇنىڭ بىلەن خالىغان ئادەمنىڭ زىرائىتى، مېۋىسى ۋە چارۋىلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ) ۋە ئۇنىڭ (زىيىنىدىن) خالىغان ئادەمنى ساقلايدۇ، چاقماقنىڭ يورۇقى (قارىغۇچىلارنى) كۆزلىرىدىن ئايرىۋەتكىلى تاس قالىدۇ