4:43
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْرَبُوا الصَّلَاةَ وَأَنتُمْ سُكَارَىٰ حَتَّىٰ تَعْلَمُوا مَا تَقُولُونَ وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍ حَتَّىٰ تَغْتَسِلُوا ۚ وَإِن كُنتُم مَّرْضَىٰ أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِّنكُم مِّنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَفُوًّا غَفُورًا
ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەست بولساڭلار، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە، جۇنۇپ بولساڭلار، - يول ئۈستىدە بولغانلار (بۇنىڭدىن) مۇستەسنا، - غۇسلى قىلمىغۇچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار، ئەگەر كېسەل (يەنى كېسەلگە سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى ھاجەت قىلساڭلار، ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈن ئىبادەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر)
22:2
يَوْمَ تَرَوْنَهَا تَذْهَلُ كُلُّ مُرْضِعَةٍ عَمَّا أَرْضَعَتْ وَتَضَعُ كُلُّ ذَاتِ حَمْلٍ حَمْلَهَا وَتَرَى النَّاسَ سُكَارَىٰ وَمَا هُم بِسُكَارَىٰ وَلَٰكِنَّ عَذَابَ اللَّهِ شَدِيدٌ
ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتىۋاتقان ئايال (قاتتىق قورقۇنچتىن تېڭىرقاپ قېلىش بىلەن) ئېمىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەر بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەست كۆرۈسەن، ھالبۇكى، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مەست ئەمەس (دېمەك، قىيامەتنىڭ دەششىتى ئۇلارنى ئەس - ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن)، لېكىن ئاللاھ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر