8:65
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ حَرِّضِ الْمُؤْمِنِينَ عَلَى الْقِتَالِ ۚ إِن يَكُن مِّنكُمْ عِشْرُونَ صَابِرُونَ يَغْلِبُوا مِائَتَيْنِ ۚ وَإِن يَكُن مِّنكُم مِّائَةٌ يَغْلِبُوا أَلْفًا مِّنَ الَّذِينَ كَفَرُوا بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَّا يَفْقَهُونَ
ئى پەيغەمبەر! مۆمىنلەرنى (مۇشرىكلار بىلەن) ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن، ئەگەر سىلەردە چىداملىق يىگىرمە ئادەم بولىدىغان بولسا، (دۈشمەندىن) 200 نى يېڭەلەيدۇ؛ ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) 100 ئادەم بولىدىغان بولسا، كاپىرلاردىن 1000 نى يېڭەلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار (جاھىل) قەۋم بولۇپ، (ئاللاھ نىڭ ھېكمىتىنى) چۈشەنمەيدۇ
28:80
وَقَالَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ وَيْلَكُمْ ثَوَابُ اللَّهِ خَيْرٌ لِّمَنْ آمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا وَلَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الصَّابِرُونَ
ئىلىملىك كىشىلەر: «ۋاي سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلغان كىشىگە ئاللاھ نىڭ ساۋابى ياخشىدۇر. ئۇ ساۋاب پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغىلا بېرىلىدۇ» دېدى
39:10
قُلْ يَا عِبَادِ الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا رَبَّكُمْ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةٌ ۗ وَأَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةٌ ۗ إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُم بِغَيْرِ حِسَابٍ
ئېيتقىنكى، «ئى (ئاللاھ نىڭ) مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار (ئاخىرەتتە) ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ. ئاللاھ نىڭ يېرى كەڭدۇر (كۇففارلار ئارىسىدىن شۇ يەرگە ھىجرەت قىلىڭلار)، پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ»