14:5
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا أَنْ أَخْرِجْ قَوْمَكَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ وَذَكِّرْهُم بِأَيَّامِ اللَّهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتەن (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (ئۇنىڭغا دېدۇقكى) «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا. (يەنى ئىمانغا) چىقارغىن، ئۇلارغا ئاللاھ نىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەتكىن». بۇنىڭدا (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى، (نېمەتكە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر (بەندە) ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
31:31
أَلَمْ تَرَ أَنَّ الْفُلْكَ تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِنِعْمَتِ اللَّهِ لِيُرِيَكُم مِّنْ آيَاتِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
كۆرمەمسەنكى، كېمىلەرنىڭ ئاللاھ نىڭ مەرھەمىتى بىلەن دېڭىزدا يۈرۈشى ئاللاھ نىڭ سىلەرگە (ئۆز قۇدرىتىنىڭ) بىر قىسىم دەلىللىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدا ھەر بىر سەۋر قىلغۇچى، شۈكۈر قىلغۇچى (بەندە ئۈچۈن ھەقىقەتەن) (چوڭ) ئىبرەت بار
34:19
فَقَالُوا رَبَّنَا بَاعِدْ بَيْنَ أَسْفَارِنَا وَظَلَمُوا أَنفُسَهُمْ فَجَعَلْنَاهُمْ أَحَادِيثَ وَمَزَّقْنَاهُمْ كُلَّ مُمَزَّقٍ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! سەپەرلىرىمىز ئارىسىنى (يەنى ئۆتەڭلار ئارىسىدىكى مۇساپىنى) يىراق قىلغىن» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. ئۇلارنى بىز (كېيىنكى كىشىلەرگە) چۆچەك قىلىپ قالدۇردۇق. ئۇلارنى تىرىپىسىن قىلىۋەتتۇق، بۇنىڭغا ھەر بىر (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى، (نېمەتكە) شۈكۈر قىلغۇچى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
42:33
إِن يَشَأْ يُسْكِنِ الرِّيحَ فَيَظْلَلْنَ رَوَاكِدَ عَلَىٰ ظَهْرِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ - دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭدا (قاتتىقلىقتا) سەۋر قىلغۇچى، (كەڭچىلىكتە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەر مۆمىن ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار