6:153
وَأَنَّ هَٰذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ ۖ وَلَا تَتَّبِعُوا السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَن سَبِيلِهِ ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّاكُم بِهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھ نىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، (ئاللاھ نىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ