6:38
وَمَا مِن دَابَّةٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا طَائِرٍ يَطِيرُ بِجَنَاحَيْهِ إِلَّا أُمَمٌ أَمْثَالُكُم ۚ مَّا فَرَّطْنَا فِي الْكِتَابِ مِن شَيْءٍ ۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِمْ يُحْشَرُونَ
مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن، مەيلى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر (يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان مەخلۇقلاردۇر). لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق (يەنى ھەممىنى تولۇق پۈتتۇق)، كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىدۇ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ)
7:131
فَإِذَا جَاءَتْهُمُ الْحَسَنَةُ قَالُوا لَنَا هَٰذِهِ ۖ وَإِن تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَطَّيَّرُوا بِمُوسَىٰ وَمَن مَّعَهُ ۗ أَلَا إِنَّمَا طَائِرُهُمْ عِندَ اللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
ئۇلار ئەگەر (پاراۋانلىق - مولچىلىقتەك) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز، دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى، دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق (مۇسانىڭ شۇملۇقىدىن ئەمەس) ئاللاھ نىڭ تەقدىرىدۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى (يەنى ئۇلارغا كەلگەن بالا - قازانىڭ ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى ئۇقمايدۇ
17:13
وَكُلَّ إِنسَانٍ أَلْزَمْنَاهُ طَائِرَهُ فِي عُنُقِهِ ۖ وَنُخْرِجُ لَهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ كِتَابًا يَلْقَاهُ مَنشُورًا
ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز (يەنى ئىنساننىڭ قىلغان ھەرقانداق ئەمەلى خۇددى بويۇنچاق بويۇندىن ئايرىلمىغىنىدەك ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ، شۇنىڭغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ نامە - ئەمالىنى كۆرسىتىمىز، ئۇ ئۇنى ئوچۇق. كۆرىدۇ
27:47
قَالُوا اطَّيَّرْنَا بِكَ وَبِمَن مَّعَكَ ۚ قَالَ طَائِرُكُمْ عِندَ اللَّهِ ۖ بَلْ أَنتُمْ قَوْمٌ تُفْتَنُونَ
ئۇلار ئېيتتى: «(بىزگە كەلگەن قەھەتچىلىك) سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغان كىشىلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى». سالىھ ئېيتتى: «سىلەرگە كېلىدىغان ياخشى يامانلىق ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ، بەلكى سىلەرنى ئاللاھ سىنايدۇ»
36:19
قَالُوا طَائِرُكُم مَّعَكُمْ ۚ أَئِن ذُكِّرْتُم ۚ بَلْ أَنتُمْ قَوْمٌ مُّسْرِفُونَ
ئەلچىلەر: «(كۇفرىڭلار سەۋەبىدىن) شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر، سىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىنسا (شۇم پال ئالامسىلەر؟) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، سىلەر (ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى