31:20
أَلَمْ تَرَوْا أَنَّ اللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَأَسْبَغَ عَلَيْكُمْ نِعَمَهُ ظَاهِرَةً وَبَاطِنَةً ۗ وَمِنَ النَّاسِ مَن يُجَادِلُ فِي اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَلَا هُدًى وَلَا كِتَابٍ مُّنِيرٍ
بىلمەمسىلەركى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى (يەنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بەردى). سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (يەنى ماددىي ۋە مەنىۋى) نېمەتلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ بەردى. بەزى كىشىلەر ھېچقانداق ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا ئاللاھ بارىسىدا جېدەللىشىدۇ
34:18
وَجَعَلْنَا بَيْنَهُمْ وَبَيْنَ الْقُرَى الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا قُرًى ظَاهِرَةً وَقَدَّرْنَا فِيهَا السَّيْرَ ۖ سِيرُوا فِيهَا لَيَالِيَ وَأَيَّامًا آمِنِينَ
ئۇلار بىلەن بىز بەرىكەتلىك قىلغان قىشلاقلار ئارىسىدا، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان (تۇتىشىپ كەتكەن) نۇرغۇن قىشلاقلارنى بەرپا قىلدۇق، ئۇلار ئارسىدىكى مېڭىشنى ئۆلچەملىك قىلدۇق (يەنى سەپەردە يېمەك - ئىچمەك ئېلىۋالمىسىمۇ بولىدىغان، ئەتىگەن چىققان يولۇچى چۈشتە بىر ئۆتەڭگە يېتىپ بارسا، كەچتە بىر ئۆتەڭگە يېتىپ بارىدىغان قىلدۇق)، (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېچىلەردە ۋە كۈندۈزلەردە تىنچ - ئامان مېڭىڭلار!»