2:138
صِبْغَةَ اللَّهِ ۖ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ صِبْغَةً ۖ وَنَحْنُ لَهُ عَابِدُونَ
ئاللاھ نىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھ نىڭ دىنىدىن ياخشى كىمنىڭ دىنى بار؟ بىز ئاللاھ قا ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز
9:112
التَّائِبُونَ الْعَابِدُونَ الْحَامِدُونَ السَّائِحُونَ الرَّاكِعُونَ السَّاجِدُونَ الْآمِرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَالنَّاهُونَ عَنِ الْمُنكَرِ وَالْحَافِظُونَ لِحُدُودِ اللَّهِ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
(گۇناھلىرىدىن) تەۋبە قىلغۇچىلار، (ئىخلاس بىلەن) ئىبادەت قىلغۇچىلار، (ئاللاھ قا) ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، ئاللاھ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلار (يەنى ئاللاھ نىڭ بېكىتكەن پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ، نەھيى قىلغان ئىشلىرىدىن يانغۇچىلار ھەم ئەھلى جەننەتتۇر)؛ مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن
23:47
فَقَالُوا أَنُؤْمِنُ لِبَشَرَيْنِ مِثْلِنَا وَقَوْمُهُمَا لَنَا عَابِدُونَ
ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئاددى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ (قۇلغا ئوخشاش) خىزمەتچىلىرىمىزدۇر» دېيىشتى
109:3
وَلَا أَنتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ
سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھ قا ئىبادەت قىلمايسىلەر
109:5
وَلَا أَنتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ
سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاھ قا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق