10:27
وَالَّذِينَ كَسَبُوا السَّيِّئَاتِ جَزَاءُ سَيِّئَةٍ بِمِثْلِهَا وَتَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۖ مَّا لَهُم مِّنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۖ كَأَنَّمَا أُغْشِيَتْ وُجُوهُهُمْ قِطَعًا مِّنَ اللَّيْلِ مُظْلِمًا ۚ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
(دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار (بىر يامانلىقنى قىلسا، قىلغان يامانلىقىغا) ئوخشاش (يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
11:43
قَالَ سَآوِي إِلَىٰ جَبَلٍ يَعْصِمُنِي مِنَ الْمَاءِ ۚ قَالَ لَا عَاصِمَ الْيَوْمَ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ إِلَّا مَن رَّحِمَ ۚ وَحَالَ بَيْنَهُمَا الْمَوْجُ فَكَانَ مِنَ الْمُغْرَقِينَ
ئۇ: «مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچ ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى - دە، ئۇ غەرق بولۇپ كەتتى
40:33
يَوْمَ تُوَلُّونَ مُدْبِرِينَ مَا لَكُم مِّنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۗ وَمَن يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
ئۇ كۈندە (دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ھېچ ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ