2:36
فَأَزَلَّهُمَا الشَّيْطَانُ عَنْهَا فَأَخْرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِ ۖ وَقُلْنَا اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ
شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇردى (يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ خاتالاشتۇردى)، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى. (ئادەمگە، ھەۋۋاغا، ئىبلىسقا) «بىر - بېرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا (جەننەتتىن يەر يۈزىگە) چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق (ئەجىلىڭلار توشقۇچە) يەرلىشىڭلار ۋە (نېمەتلەردىن) بەھرىمەن بولۇڭلار» دېدۇق
2:80
وَقَالُوا لَن تَمَسَّنَا النَّارُ إِلَّا أَيَّامًا مَّعْدُودَةً ۚ قُلْ أَتَّخَذْتُمْ عِندَ اللَّهِ عَهْدًا فَلَن يُخْلِفَ اللَّهُ عَهْدَهُ ۖ أَمْ تَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
ئۇلار: «بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ» دەيدۇ. (ئۇلارغا) «سىلەرگە ئاللاھ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ، (ۋەدە بەرگەن بولسا) ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ، ياكى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغاننى ئاللاھ نامىدىن دەۋاتامسىلەر؟» دېگىن
2:85
ثُمَّ أَنتُمْ هَٰؤُلَاءِ تَقْتُلُونَ أَنفُسَكُمْ وَتُخْرِجُونَ فَرِيقًا مِّنكُم مِّن دِيَارِهِمْ تَظَاهَرُونَ عَلَيْهِم بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَإِن يَأْتُوكُمْ أُسَارَىٰ تُفَادُوهُمْ وَهُوَ مُحَرَّمٌ عَلَيْكُمْ إِخْرَاجُهُمْ ۚ أَفَتُؤْمِنُونَ بِبَعْضِ الْكِتَابِ وَتَكْفُرُونَ بِبَعْضٍ ۚ فَمَا جَزَاءُ مَن يَفْعَلُ ذَٰلِكَ مِنكُمْ إِلَّا خِزْيٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يُرَدُّونَ إِلَىٰ أَشَدِّ الْعَذَابِ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
كېيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ) بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىر چۈشۈپ كەلسە، فىدىيە بېرىپ قۇتقۇزۇۋالىسىلەر، ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى (يەنى بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرۈسىلەرۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر). سىلەر كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتىي دۇنيادا خارلىققا قېلىش، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر
2:97
قُلْ مَن كَانَ عَدُوًّا لِّجِبْرِيلَ فَإِنَّهُ نَزَّلَهُ عَلَىٰ قَلْبِكَ بِإِذْنِ اللَّهِ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ وَهُدًى وَبُشْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ
ئېيتقىنكى، «جىبرىئىلغا دۈشمەن بولغان ئادەم (ئاللاھ قا دۈشمەندۇر)، چۈنكى ئۇ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھ نىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرىكىنى (يەنى ساماۋى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچى، توغرا يول كۆرسەتكۈچى، مۆمىنلەرگە بېشارەت بەرگۈچى قۇرئاننى سېنىڭ قەلبىڭگە نازىل قىلدى
2:98
مَن كَانَ عَدُوًّا لِّلَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَرُسُلِهِ وَجِبْرِيلَ وَمِيكَالَ فَإِنَّ اللَّهَ عَدُوٌّ لِّلْكَافِرِينَ
كىمكى ئاللاھ نى، ئاللاھ نىڭ پەرىشتىلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى، جىبرىئىلنى، مىكائىلنى دۈشمەن تۇتىدىكەن (ئاللاھ نى دۈشمەن تۇتقان بولىدۇ)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتىدۇ»
2:168
يَا أَيُّهَا النَّاسُ كُلُوا مِمَّا فِي الْأَرْضِ حَلَالًا طَيِّبًا وَلَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ
ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال - پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوچۇق دۈشمەندۇر
2:184
أَيَّامًا مَّعْدُودَاتٍ ۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۚ وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ ۖ فَمَن تَطَوَّعَ خَيْرًا فَهُوَ خَيْرٌ لَّهُ ۚ وَأَن تَصُومُوا خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
(بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيىنى (بەلگىلەنگەن مىقداردىن) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر
2:193
وَقَاتِلُوهُمْ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتْنَةٌ وَيَكُونَ الدِّينُ لِلَّهِ ۖ فَإِنِ انتَهَوْا فَلَا عُدْوَانَ إِلَّا عَلَى الظَّالِمِينَ
تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە ئاللاھ نىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ
2:203
وَاذْكُرُوا اللَّهَ فِي أَيَّامٍ مَّعْدُودَاتٍ ۚ فَمَن تَعَجَّلَ فِي يَوْمَيْنِ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ وَمَن تَأَخَّرَ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ لِمَنِ اتَّقَىٰ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ نى ياد ئېتىڭلار (يەنى نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار)، (مىنادىن) ئالدىراپ ئىككى كۈندە قايتقان ئادەمگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، تەخىر قىلىپ قايتقان ئادەمگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (يۇقىرىقى ئەھكاملار) تەقۋادارلىق قىلىپ (ھەجنى تولۇق ئادا قىلماقچى بولغان) ئادەم ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تىن قورقۇڭلار؛ بىلىڭلاركى، سىلەر ھېساب ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر
2:208
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ادْخُلُوا فِي السِّلْمِ كَافَّةً وَلَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ
ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر
2:235
وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا عَرَّضْتُم بِهِ مِنْ خِطْبَةِ النِّسَاءِ أَوْ أَكْنَنتُمْ فِي أَنفُسِكُمْ ۚ عَلِمَ اللَّهُ أَنَّكُمْ سَتَذْكُرُونَهُنَّ وَلَٰكِن لَّا تُوَاعِدُوهُنَّ سِرًّا إِلَّا أَن تَقُولُوا قَوْلًا مَّعْرُوفًا ۚ وَلَا تَعْزِمُوا عُقْدَةَ النِّكَاحِ حَتَّىٰ يَبْلُغَ الْكِتَابُ أَجَلَهُ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي أَنفُسِكُمْ فَاحْذَرُوهُ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌ
ئىددىتى توشمىغان ئاياللارغا ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى بۇرىتىپ ئۆتسەڭلار ياكى بۇنى دىلىڭلاردا يوشۇرۇن تۇتساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلار ئاللاھ قا مەلۇمدۇر، لېكىن ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويماڭلار، پەقەت (ئاشكارا ئېيتىلسا كىشى خىجىل بولمايدىغان) مۇۋاپىق سۆزنى قىلساڭلار بولىدۇ، ئىددىتى توشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن (يەنى ئاللاھ نىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ جازالىنىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھ تىن قورقۇپ گۇناھتىن چەكلەنگەنلەرگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)
3:24
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لَن تَمَسَّنَا النَّارُ إِلَّا أَيَّامًا مَّعْدُودَاتٍ ۖ وَغَرَّهُمْ فِي دِينِهِم مَّا كَانُوا يَفْتَرُونَ
بۇ ئۇلارنىڭ «دوزاخ ئوتى بىزنى ساناقلىق كۈنلەرلا (يەنى موزايغا چوقۇنغان 40 كۈنلۈك ۋاقىتلا) كۆيدۈرىدۇ» دېگەنلىكلىرى ۋە دىنىي جەھەتتە ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئالدىغانلىقى ئۈچۈندۇر
3:153
إِذْ تُصْعِدُونَ وَلَا تَلْوُونَ عَلَىٰ أَحَدٍ وَالرَّسُولُ يَدْعُوكُمْ فِي أُخْرَاكُمْ فَأَثَابَكُمْ غَمًّا بِغَمٍّ لِّكَيْلَا تَحْزَنُوا عَلَىٰ مَا فَاتَكُمْ وَلَا مَا أَصَابَكُمْ ۗ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر (ئى ئاللاھ نىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كېلىڭلار، مەن رەسۇلۇللاھتۇرمەن، كىمكى جىھاد مەيدانىغا قايتسا، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ دەپ) ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىرىپ تۇراتتى، سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچاتتىڭلار، (بۇنىڭدىن كېيىن) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە (يەنى غەنىيمەتكە)، بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە (يەنى مەغلۇبىيەتكە) قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە غەم ئۈستىگە غەم بەردى (يەنى سىلەرنى غەنىيمەتتىن مەھرۇم قىلغاننىڭ ئۈستىگە مەغلۇبىيەت بىلەن جازالىدى). ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
3:168
الَّذِينَ قَالُوا لِإِخْوَانِهِمْ وَقَعَدُوا لَوْ أَطَاعُونَا مَا قُتِلُوا ۗ قُلْ فَادْرَءُوا عَنْ أَنفُسِكُمُ الْمَوْتَ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
(بۇ يەنە ئاللاھ نىڭ) ئۇرۇشقا چىقىشنى خالىمىغان (مۇناپىقلارنى ئايرىشى ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئۆيلىرىدە) ئولتۇرۇپ قېرىنداشلىرىغا: «ئەگەر ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) بىزگە بويسۇنغان بولسا (يەنى نەسىھىتىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشتىن قايتقان بولسا)، ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېدى. (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر ئۇرۇشقا چىقماسلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بولسا) ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن دەپئى قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار»
4:30
وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ عُدْوَانًا وَظُلْمًا فَسَوْفَ نُصْلِيهِ نَارًا ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى (يەنە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى) قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھ قا ئاساندۇر
4:92
وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ أَن يَقْتُلَ مُؤْمِنًا إِلَّا خَطَأً ۚ وَمَن قَتَلَ مُؤْمِنًا خَطَأً فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُّؤْمِنَةٍ وَدِيَةٌ مُّسَلَّمَةٌ إِلَىٰ أَهْلِهِ إِلَّا أَن يَصَّدَّقُوا ۚ فَإِن كَانَ مِن قَوْمٍ عَدُوٍّ لَّكُمْ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُّؤْمِنَةٍ ۖ وَإِن كَانَ مِن قَوْمٍ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُم مِّيثَاقٌ فَدِيَةٌ مُّسَلَّمَةٌ إِلَىٰ أَهْلِهِ وَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُّؤْمِنَةٍ ۖ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ شَهْرَيْنِ مُتَتَابِعَيْنِ تَوْبَةً مِّنَ اللَّهِ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۆمىن ئادەمنىڭ مۆمىن ئادەمنى سەۋەنلىك بىلەن ئەمەس، قەستەن ئۆلتۈرۈشى ھېچ دۇرۇس ئەمەس، كىمكى بىرەر مۆمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك، ئۇلار (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرى) دىيەتنى كەچۈرۈم قىلسام (شۇنىڭ بىلەن قاتىل ئۇنى) تۆلىمىسە ھېچ باك يوق، ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۆمىن سىلەرگە دۈشمەن (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، بۇ چاغدا ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى بىر نەپەر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم (دىيەت كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى مۇسۇلمان بولمىغاچقا ئۇنىڭغا ۋارىس بولمايدۇ)، ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى ئاراڭلاردا مۇئاھىدە بولغان (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلەش ۋە بىر نەپەر قۇلنى ئازاد قىلىش كېرەك، ئازاد قىلىدىغان قۇل تاپالمىغان ئادەم (يەنى قۇل ئازاد قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئادەم) (تەۋبىسىنى ئاللاھ نىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن) ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
4:95
لَّا يَسْتَوِي الْقَاعِدُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ غَيْرُ أُولِي الضَّرَرِ وَالْمُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ ۚ فَضَّلَ اللَّهُ الْمُجَاهِدِينَ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ عَلَى الْقَاعِدِينَ دَرَجَةً ۚ وَكُلًّا وَعَدَ اللَّهُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَفَضَّلَ اللَّهُ الْمُجَاهِدِينَ عَلَى الْقَاعِدِينَ أَجْرًا عَظِيمًا
مۆمىنلەردىن ئۆزرىسىز (ئەما، توكۇر، كېسەلگە ئوخشاش ئۆزرىسى بارلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا) جىھادقا چىقمىغانلار ئاللاھ يولىدا ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلارنى جىھادقا چىقمىغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. بۇ ئىككى خىل كىشىلەر (يەنى ئۆزرىسى بولۇپ جىھادقا چىقالمىغانلار ۋە جىھادقا چىققۇچىلار) نىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ جىھاد قىلغۇچىلارغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقمىغانلاردىن ئارتۇق) قىلدى
4:101
وَإِذَا ضَرَبْتُمْ فِي الْأَرْضِ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَقْصُرُوا مِنَ الصَّلَاةِ إِنْ خِفْتُمْ أَن يَفْتِنَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ إِنَّ الْكَافِرِينَ كَانُوا لَكُمْ عَدُوًّا مُّبِينًا
سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قەسرى قىلىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كاپىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر (ناماز ئوقۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايدۇ)
4:140
وَقَدْ نَزَّلَ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ أَنْ إِذَا سَمِعْتُمْ آيَاتِ اللَّهِ يُكْفَرُ بِهَا وَيُسْتَهْزَأُ بِهَا فَلَا تَقْعُدُوا مَعَهُمْ حَتَّىٰ يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ ۚ إِنَّكُمْ إِذًا مِّثْلُهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ جَامِعُ الْمُنَافِقِينَ وَالْكَافِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا
ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ
4:154
وَرَفَعْنَا فَوْقَهُمُ الطُّورَ بِمِيثَاقِهِمْ وَقُلْنَا لَهُمُ ادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُلْنَا لَهُمْ لَا تَعْدُوا فِي السَّبْتِ وَأَخَذْنَا مِنْهُم مِّيثَاقًا غَلِيظًا
(تەۋرات شەرىئىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقلىرى سەۋەبلىك) ئۇلاردىن ئەھدە ئالماق ئۈچۈن ئۈستىگە تۇر (تېغى) نى تىكلەپ قويدۇق، ئۇلارغا: «(بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاڭلار (يەنى شەنبىدە بېلىق تۇتۇش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار)» دېدۇق. ئۇلاردىن (بۇ ھەقتە) مەھكەم ۋەدە ئالدۇق
5:2
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُحِلُّوا شَعَائِرَ اللَّهِ وَلَا الشَّهْرَ الْحَرَامَ وَلَا الْهَدْيَ وَلَا الْقَلَائِدَ وَلَا آمِّينَ الْبَيْتَ الْحَرَامَ يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِّن رَّبِّهِمْ وَرِضْوَانًا ۚ وَإِذَا حَلَلْتُمْ فَاصْطَادُوا ۚ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآنُ قَوْمٍ أَن صَدُّوكُمْ عَنِ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ أَن تَعْتَدُوا ۘ وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ ۖ وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ نىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىنى (يەنى ھەجدە تائەتنىڭ بەلگىسى ھېسابلانغان ئىشلارنى) (تەرك ئېتىش بىلەن) شەھرى ھەرەم (دا ئۇرۇش قىلىش) نى، ھەدىيىنى (يەنى كەبىگە ئاتالغان قۇربانلىققا دەخلى - تەرۇز قىلىشنى)، قەلادە (يەنى ھەجدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھايۋانغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسە) لەرگە (چېقىلىشنى)، پەرۋەردىگارىنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەپ بەيتۇللاھقا (ھەج ئۈچۈن ياكى ئۆمرە ئۈچۈن) كەلگۈچىلەرگە (چېقىلىشنى) ھالال سانىماڭلار، ئىھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا شىكار قىلساڭلار بولىدۇ، بىرەر قەۋم (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ سىلەرنى مەسجىدى ھەرەم (زىيارىتى) دىن توسقانلىقتىن ئىبارەت دۈشمەنلىكى ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەبچى بولمىسۇن، ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھ نىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق
5:24
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِنَّا لَن نَّدْخُلَهَا أَبَدًا مَّا دَامُوا فِيهَا ۖ فَاذْهَبْ أَنتَ وَرَبُّكَ فَقَاتِلَا إِنَّا هَاهُنَا قَاعِدُونَ
ئۇلار: «ئى مۇسا! مادامىكى، ئۇلار مۇقەددەس يەردە ئىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى
5:62
وَتَرَىٰ كَثِيرًا مِّنْهُمْ يُسَارِعُونَ فِي الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَأَكْلِهِمُ السُّحْتَ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
6:108
وَلَا تَسُبُّوا الَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ فَيَسُبُّوا اللَّهَ عَدْوًا بِغَيْرِ عِلْمٍ ۗ كَذَٰلِكَ زَيَّنَّا لِكُلِّ أُمَّةٍ عَمَلَهُمْ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِم مَّرْجِعُهُمْ فَيُنَبِّئُهُم بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇشرىكلارنىڭ خۇدانى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھ نى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەر ئۈممەتكە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ياخشىغا مۇكاپات بېرىدۇ، ياماننى جازالايدۇ)
6:112
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوًّا شَيَاطِينَ الْإِنسِ وَالْجِنِّ يُوحِي بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ زُخْرُفَ الْقَوْلِ غُرُورًا ۚ وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ مَا فَعَلُوهُ ۖ فَذَرْهُمْ وَمَا يَفْتَرُونَ
شۇنىڭدەك (يەنى بۇ مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر - بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى (يەنى پەيغەمبەرلىرىگە دۈشمەنلىكنى) قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۈزگەن ھىيلە - مىكىرلىرى بىلەن قويۇپ بەرگىن (ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ)
6:134
إِنَّ مَا تُوعَدُونَ لَآتٍ ۖ وَمَا أَنتُم بِمُعْجِزِينَ
سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (قىيامەت، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش قاتارلىق) ئىشلار چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر
6:142
وَمِنَ الْأَنْعَامِ حَمُولَةً وَفَرْشًا ۚ كُلُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ وَلَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ
ئاللاھ چاھارپايلارنى (يەنى تۆگە، كالا، قويلارنى)، يۈك كۆتۈرىدىغانلارنى، بوغۇزلىنىدىغانلارنى ياراتتى. ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوچۇق دۈشمەندۇر
7:22
فَدَلَّاهُمَا بِغُرُورٍ ۚ فَلَمَّا ذَاقَا الشَّجَرَةَ بَدَتْ لَهُمَا سَوْآتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِن وَرَقِ الْجَنَّةِ ۖ وَنَادَاهُمَا رَبُّهُمَا أَلَمْ أَنْهَكُمَا عَن تِلْكُمَا الشَّجَرَةِ وَأَقُل لَّكُمَا إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمَا عَدُوٌّ مُّبِينٌ
ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن تۆۋەن مەرتىۋىگە) چۈشۈردى. دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى (ئۇلارغا كايىپ): ‹‹مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنى (يەنى مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر، دېمىگەنمىدىم؟ ›› دەپ نىدا قىلدى
7:24
قَالَ اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ
ئاللاھ ئېيتتى: ‹‹سىلەر بىر - بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر››
7:86
وَلَا تَقْعُدُوا بِكُلِّ صِرَاطٍ تُوعِدُونَ وَتَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ اللَّهِ مَنْ آمَنَ بِهِ وَتَبْغُونَهَا عِوَجًا ۚ وَاذْكُرُوا إِذْ كُنتُمْ قَلِيلًا فَكَثَّرَكُمْ ۖ وَانظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
سىلەر ئاللاھ قا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، ئاللاھ نىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرىلىكىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار، ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھ نىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ياد ئېتىڭلار، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراڭلار
7:129
قَالُوا أُوذِينَا مِن قَبْلِ أَن تَأْتِيَنَا وَمِن بَعْدِ مَا جِئْتَنَا ۚ قَالَ عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَن يُهْلِكَ عَدُوَّكُمْ وَيَسْتَخْلِفَكُمْ فِي الْأَرْضِ فَيَنظُرَ كَيْفَ تَعْمَلُونَ
ئۇلار: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قېلىشى، (مىسىر) زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىشى، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشىمۇ ھەقىقەقتۇر» دېدى
7:163
وَاسْأَلْهُمْ عَنِ الْقَرْيَةِ الَّتِي كَانَتْ حَاضِرَةَ الْبَحْرِ إِذْ يَعْدُونَ فِي السَّبْتِ إِذْ تَأْتِيهِمْ حِيتَانُهُمْ يَوْمَ سَبْتِهِمْ شُرَّعًا وَيَوْمَ لَا يَسْبِتُونَ ۙ لَا تَأْتِيهِمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَبْلُوهُم بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن دېڭىز (يەنى قۇلزۇم دېڭىزى) بويىدىكى (ئەيلە) شەھرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. (ئۇنىڭ ئاھالىسى بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن كۈن) شەنبىدە ئاللاھ نىڭ چەكلىمىسىدىن چىقاتتى. چۈنكى شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى، شەنبىدىن غەيرىي كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى، پاسىق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن. ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز
8:42
إِذْ أَنتُم بِالْعُدْوَةِ الدُّنْيَا وَهُم بِالْعُدْوَةِ الْقُصْوَىٰ وَالرَّكْبُ أَسْفَلَ مِنكُمْ ۚ وَلَوْ تَوَاعَدتُّمْ لَاخْتَلَفْتُمْ فِي الْمِيعَادِ ۙ وَلَٰكِن لِّيَقْضِيَ اللَّهُ أَمْرًا كَانَ مَفْعُولًا لِّيَهْلِكَ مَنْ هَلَكَ عَن بَيِّنَةٍ وَيَحْيَىٰ مَنْ حَيَّ عَن بَيِّنَةٍ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَسَمِيعٌ عَلِيمٌ
ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يېقىن تەرىپىدە ئىدىڭلار، ئۇلار ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يىراق تەرىپىدە ئىدى. (قۇرەيشنىڭ) سودا كارۋىنى بولسا سىلەرنىڭ تۆۋىنىڭلاردا ئىدى. (مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىشنى) ۋەدىلەشكەن بولساڭلار، سىلەر (ئۆزۈڭلارنىڭ ئازلىقىنى، مۇشرىكلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ) ئەلۋەتتە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان بولاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى (يەنى مۇسۇلمانلارنى ئەزىز، مۇشرىكلارنى خار قىلىشنى) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن (سىلەرنى بەدرىدە مۇشرىكلار بىلەن ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى). ئاللاھ نىڭ مۇنداق قىلىشى ھالاك بولىدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ھالاك بولۇشى، ياشايدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ياشىشى ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى)، ئەلۋەتتە، ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
8:60
وَأَعِدُّوا لَهُم مَّا اسْتَطَعْتُم مِّن قُوَّةٍ وَمِن رِّبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِن دُونِهِمْ لَا تَعْلَمُونَهُمُ اللَّهُ يَعْلَمُهُمْ ۚ وَمَا تُنفِقُوا مِن شَيْءٍ فِي سَبِيلِ اللَّهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ
دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھ نىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر، ئۇلارنى سىلەر تونۇمايسىلەر، ئاللاھ تونۇيدۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى بۇ ساۋابتىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ)
9:5
فَإِذَا انسَلَخَ الْأَشْهُرُ الْحُرُمُ فَاقْتُلُوا الْمُشْرِكِينَ حَيْثُ وَجَدتُّمُوهُمْ وَخُذُوهُمْ وَاحْصُرُوهُمْ وَاقْعُدُوا لَهُمْ كُلَّ مَرْصَدٍ ۚ فَإِن تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ فَخَلُّوا سَبِيلَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
(ئۇرۇش قىلىش) ھارام قىلىنغان ئايلار ئۆتۈپ كەتكەندە، مۇشرىكلارنى قەيەردە ئۇچراتساڭلار، شۇ يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئەسىرگە ئېلىڭلار، قورشاڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ناماز ئوقۇسا، زاكات بەرسە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر
9:46
وَلَوْ أَرَادُوا الْخُرُوجَ لَأَعَدُّوا لَهُ عُدَّةً وَلَٰكِن كَرِهَ اللَّهُ انبِعَاثَهُمْ فَثَبَّطَهُمْ وَقِيلَ اقْعُدُوا مَعَ الْقَاعِدِينَ
ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ھۇرۇنلۇقنى سېلىپ) ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇردى. (ئۇلارغا) «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاجىزلار) بىلەن قېلىڭلار» دېيىلدى
9:77
فَأَعْقَبَهُمْ نِفَاقًا فِي قُلُوبِهِمْ إِلَىٰ يَوْمِ يَلْقَوْنَهُ بِمَا أَخْلَفُوا اللَّهَ مَا وَعَدُوهُ وَبِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ
ئۇلار (سەدىقە قىلىمىز، ياخشىلاردىن بولىمىز دەپ) ئاللاھ قا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى، (ئىمانىنى، ئېھسانىنى، دەۋا قىلىشتىكى) يالغانچىلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ قا مۇلاقات بولىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) گە قەدەر مۇناپىقلىقنىڭ دىللىرىدا (يىلتىز تارتىپ) تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئىشىنىڭ) ئاقىۋىتى قىلدى
9:83
فَإِن رَّجَعَكَ اللَّهُ إِلَىٰ طَائِفَةٍ مِّنْهُمْ فَاسْتَأْذَنُوكَ لِلْخُرُوجِ فَقُل لَّن تَخْرُجُوا مَعِيَ أَبَدًا وَلَن تُقَاتِلُوا مَعِيَ عَدُوًّا ۖ إِنَّكُمْ رَضِيتُم بِالْقُعُودِ أَوَّلَ مَرَّةٍ فَاقْعُدُوا مَعَ الْخَالِفِينَ
ئەگەر ئاللاھ سېنى (تەبۈك غازىتىدىن) قايتۇرۇپ (ئۆزرىسىز قېلىپ قالغان مۇناپىقلاردىن) بىر تۈركۈمنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارسا، ئۇلار (ئىككىنچى بىر غازاتقا) چىقىشقا سەندىن ئىزنى سورىسا، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر مەن بىلەن بىللە مەڭگۈ (غازاتقا) چىقماڭلار، ھەرگىز مەن بىلەن بىللە چىقىپ ئۇرۇش قىلماڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى قېتىمدا (چىقماي، ئۆيۈڭلاردا بەخىرامان) ئولتۇرۇشقا رازى بولدۇڭلار، ئەمدى (غازاتقا چىقماي) قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار) بىلەن ئولتۇرۇڭلار»
9:114
وَمَا كَانَ اسْتِغْفَارُ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ إِلَّا عَن مَّوْعِدَةٍ وَعَدَهَا إِيَّاهُ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ أَنَّهُ عَدُوٌّ لِّلَّهِ تَبَرَّأَ مِنْهُ ۚ إِنَّ إِبْرَاهِيمَ لَأَوَّاهٌ حَلِيمٌ
ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھ نىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاتىسى بىلەن ئادا - جۇدا بولدى. ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆپ ئاھ چەككۈچى (يەنى كۆڭلى يۇمشاق)، (يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) چىداملىق ئىدى
9:120
مَا كَانَ لِأَهْلِ الْمَدِينَةِ وَمَنْ حَوْلَهُم مِّنَ الْأَعْرَابِ أَن يَتَخَلَّفُوا عَن رَّسُولِ اللَّهِ وَلَا يَرْغَبُوا بِأَنفُسِهِمْ عَن نَّفْسِهِ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ لَا يُصِيبُهُمْ ظَمَأٌ وَلَا نَصَبٌ وَلَا مَخْمَصَةٌ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا يَطَئُونَ مَوْطِئًا يَغِيظُ الْكُفَّارَ وَلَا يَنَالُونَ مِنْ عَدُوٍّ نَّيْلًا إِلَّا كُتِبَ لَهُم بِهِ عَمَلٌ صَالِحٌ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەئرابىلارنىڭ رەسۇلۇللا بىلەن جىھادقا بىللە چىقماي قېلىپ قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئارامى بىلەنلا بولۇپ، جاپادا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. بۇ (يەنى ئۇلارنى جىھادقا چىقماي قېلىپ قېلىشتىن مەنئى قىلىش) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھ نىڭ يولىدا ئۇچرىغان ئۇسسۇزلۇق، تارتقان جاپا - مۇشەققەت ۋە ئاچلىق، ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى خاپىلىققا سالىدىغان ھەر بىر قەدىمى، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن ئېرىشكەن (ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىش، مەغلۇپ قىلىش قاتارلىق) ھەر بىر نەرسىسى ئۈچۈن (ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا) ئۇلارغا ياخشىلىق (يەنى ساۋاب) يېزىلىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ
10:90
وَجَاوَزْنَا بِبَنِي إِسْرَائِيلَ الْبَحْرَ فَأَتْبَعَهُمْ فِرْعَوْنُ وَجُنُودُهُ بَغْيًا وَعَدْوًا ۖ حَتَّىٰ إِذَا أَدْرَكَهُ الْغَرَقُ قَالَ آمَنتُ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا الَّذِي آمَنَتْ بِهِ بَنُو إِسْرَائِيلَ وَأَنَا مِنَ الْمُسْلِمِينَ
بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىش يۈزىسىدىن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى
11:8
وَلَئِنْ أَخَّرْنَا عَنْهُمُ الْعَذَابَ إِلَىٰ أُمَّةٍ مَّعْدُودَةٍ لَّيَقُولُنَّ مَا يَحْبِسُهُ ۗ أَلَا يَوْمَ يَأْتِيهِمْ لَيْسَ مَصْرُوفًا عَنْهُمْ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
ئەگەر بىز ئۇلارغا نازىل بولىدىغان ئازابنى چەكلىك ۋاقىت كېچىكتۈرسەك، ئۇلار چوقۇم (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئازاب نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟» دەيدۇ، راستلا ئۇلارغا ئاللاھ نىڭ ئازابى چۈشكەن كۈندە، ئۇلار قاچىدىغان يەر تاپالمايدۇ ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ
11:104
وَمَا نُؤَخِّرُهُ إِلَّا لِأَجَلٍ مَّعْدُودٍ
ئۇنى (يەنى قىيامەت كۈنىنى) بىز مۇئەييەن مۇددەتكىچە تەخىر قىلىمىز
11:108
وَأَمَّا الَّذِينَ سُعِدُوا فَفِي الْجَنَّةِ خَالِدِينَ فِيهَا مَا دَامَتِ السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ إِلَّا مَا شَاءَ رَبُّكَ ۖ عَطَاءً غَيْرَ مَجْذُوذٍ
سائادەتمەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، (جەننەتنىڭ) ئاسمان - زېمىنى يوقالمايلا تۇرسا، ئۇلار جەننەتتە پەرۋەردىگارىڭ خالىغان زامانغىچە داۋاملىق تۇرىۋېرىدۇ (بۇ ئۇلارغا قىلىنغان) ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئىنئامدۇر
12:5
قَالَ يَا بُنَيَّ لَا تَقْصُصْ رُؤْيَاكَ عَلَىٰ إِخْوَتِكَ فَيَكِيدُوا لَكَ كَيْدًا ۖ إِنَّ الشَّيْطَانَ لِلْإِنسَانِ عَدُوٌّ مُّبِينٌ
ئاتىسى (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام): «ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ قالمىسۇن، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېدى
12:20
وَشَرَوْهُ بِثَمَنٍ بَخْسٍ دَرَاهِمَ مَعْدُودَةٍ وَكَانُوا فِيهِ مِنَ الزَّاهِدِينَ
ئۇلار يۇسۇفنى ساناقلىق بىر قانچە تەڭگىگە ئەرزان باھادا سېتىۋەتتى، چۈنكى ئۇلار يۇسۇفكە قىزىقمىغان ئىدى
14:34
وَآتَاكُم مِّن كُلِّ مَا سَأَلْتُمُوهُ ۚ وَإِن تَعُدُّوا نِعْمَتَ اللَّهِ لَا تُحْصُوهَا ۗ إِنَّ الْإِنسَانَ لَظَلُومٌ كَفَّارٌ
ئاللاھ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەردى، سىلەر ئاللاھ نىڭ نېمەتلىرىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، كاپىر ئادەم، شەك - شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھ نىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر
16:18
وَإِن تَعُدُّوا نِعْمَةَ اللَّهِ لَا تُحْصُوهَا ۗ إِنَّ اللَّهَ لَغَفُورٌ رَّحِيمٌ
ئەگەر ئاللاھ نىڭ (سىلەرگە بەرگەن) نېمىتىنى سانىساڭلار، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەر (نىڭ بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىڭلار) نى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر
17:53
وَقُل لِّعِبَادِي يَقُولُوا الَّتِي هِيَ أَحْسَنُ ۚ إِنَّ الشَّيْطَانَ يَنزَغُ بَيْنَهُمْ ۚ إِنَّ الشَّيْطَانَ كَانَ لِلْإِنسَانِ عَدُوًّا مُّبِينًا
بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە قوزغايدۇ، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر
18:50
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ كَانَ مِنَ الْجِنِّ فَفَسَقَ عَنْ أَمْرِ رَبِّهِ ۗ أَفَتَتَّخِذُونَهُ وَذُرِّيَّتَهُ أَوْلِيَاءَ مِن دُونِي وَهُمْ لَكُمْ عَدُوٌّ ۚ بِئْسَ لِلظَّالِمِينَ بَدَلًا
ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۈ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئىبلىس زالىملار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان بەدەل! (يەنى ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا شەيتانغا چوقۇنۇش نېمىدېگەن يامان!)
19:75
قُلْ مَن كَانَ فِي الضَّلَالَةِ فَلْيَمْدُدْ لَهُ الرَّحْمَٰنُ مَدًّا ۚ حَتَّىٰ إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ إِمَّا الْعَذَابَ وَإِمَّا السَّاعَةَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ شَرٌّ مَّكَانًا وَأَضْعَفُ جُندًا
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بىرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»
20:39
أَنِ اقْذِفِيهِ فِي التَّابُوتِ فَاقْذِفِيهِ فِي الْيَمِّ فَلْيُلْقِهِ الْيَمُّ بِالسَّاحِلِ يَأْخُذْهُ عَدُوٌّ لِّي وَعَدُوٌّ لَّهُ ۚ وَأَلْقَيْتُ عَلَيْكَ مَحَبَّةً مِّنِّي وَلِتُصْنَعَ عَلَىٰ عَيْنِي
(ئېيتتۇقكى) «ئۇنى (يەنى بالىنى) ساندۇققا سالغىن، ئاندىن ئۇنى (ساندۇق بىلەن) دەرياغا تاشلىغىن، دەريا ئۇنى قىرغاققا تاشلىسۇن، ئۇنى مېنىڭ دۈشمىنىم ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان (پىرئەۋن) ئېلىپ (باقسۇن)». مېنىڭ قوغدىشىم ئاستىدا تەربىيىلىنىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم
20:80
يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ قَدْ أَنجَيْنَاكُم مِّنْ عَدُوِّكُمْ وَوَاعَدْنَاكُمْ جَانِبَ الطُّورِ الْأَيْمَنَ وَنَزَّلْنَا عَلَيْكُمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرنى ھەقىقەتەن دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، (مۇناجات ئۈچۈن ۋە مۇساغا تەۋراتنى نازىل قىلىش ئۈچۈن) سىلەرگە (تۇرسىنا) نىڭ ئوڭ تەرىپىنى ۋەدە قىلدۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق
20:117
فَقُلْنَا يَا آدَمُ إِنَّ هَٰذَا عَدُوٌّ لَّكَ وَلِزَوْجِكَ فَلَا يُخْرِجَنَّكُمَا مِنَ الْجَنَّةِ فَتَشْقَىٰ
بىز دېدۇق: «ئى ئادەم! بۇ ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭدۇر، خوتۇنۇڭنىڭ دۈشمىنىدۇر ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، (ئۇ چاغدا) سىلەر جاپا مۇشەققەتتە قالىسىلەر
20:123
قَالَ اهْبِطَا مِنْهَا جَمِيعًا ۖ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُم مِّنِّي هُدًى فَمَنِ اتَّبَعَ هُدَايَ فَلَا يَضِلُّ وَلَا يَشْقَىٰ
ئاللاھ (ئادەم بىلەن ھەۋۋاغا) ئېيتتى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بەزىڭلار بەزىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ
21:101
إِنَّ الَّذِينَ سَبَقَتْ لَهُم مِّنَّا الْحُسْنَىٰ أُولَٰئِكَ عَنْهَا مُبْعَدُونَ
بىز بىر تەرەپتىن بېرىلگەن بەخت - سائادەتكە تېگىشلىك بولغانلار (يەنى تائەت - ئىبادەتكە تەۋپىق بېرىلىپ توغرا يولدا ئىبادەت قىلغان سائادەتمەن بەندىلەر) دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ
21:103
لَا يَحْزُنُهُمُ الْفَزَعُ الْأَكْبَرُ وَتَتَلَقَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ هَٰذَا يَوْمُكُمُ الَّذِي كُنتُمْ تُوعَدُونَ
چوڭ قورقۇنچ (يەنى قىيامەتنىڭ دەھشىتى) ئۇلارنى قايغۇغا سالمايدۇ، پەرىشتىلەر: «ئاللاھ سىلەرگە ۋەدە قىلغان كۈن مۇشۇ» (دەپ)، ئۇلارنى (جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا) قارشى ئالىدۇ.
21:109
فَإِن تَوَلَّوْا فَقُلْ آذَنتُكُمْ عَلَىٰ سَوَاءٍ ۖ وَإِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ أَم بَعِيدٌ مَّا تُوعَدُونَ
ئەگەر ئۇلار (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە (ھەقىقەتنى ھېچ كىشىنى ئايرىماستىن) ئوخشاش ئۇقتۇردۇم، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (ئازاب) يېقىنمۇ، يىراقمۇ؟ ئۇقمايمەن
22:47
وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ وَلَن يُخْلِفَ اللَّهُ وَعْدَهُ ۚ وَإِنَّ يَوْمًا عِندَ رَبِّكَ كَأَلْفِ سَنَةٍ مِّمَّا تَعُدُّونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن سەندىن ئازابنىڭ تېز نازىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ (ئازاب چوقۇم نازىل بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نازىل بولۇشنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى - سائىتى بولىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ ئاللاھ بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر
23:36
هَيْهَاتَ هَيْهَاتَ لِمَا تُوعَدُونَ
سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش تولىمۇ يىراقتۇر
23:93
قُل رَّبِّ إِمَّا تُرِيَنِّي مَا يُوعَدُونَ
ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ئەگەر ماڭا ئۇلارغا (دۇنيادا) ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىدىغان بولساڭ
25:31
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوًّا مِّنَ الْمُجْرِمِينَ ۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ هَادِيًا وَنَصِيرًا
شۇنىڭدەك (يەنى ساڭا قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلغاندەك) ھەربىر پەيغەمبەرگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئۇنىڭ دۈشمىنى قىلدۇق، پەرۋەردىگارىڭ يول كۆرسەتكۈچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا ساڭا يېتەرلىكتۇر
26:77
فَإِنَّهُمْ عَدُوٌّ لِّي إِلَّا رَبَّ الْعَالَمِينَ
ئۇلار (يەنى بۇتلار) مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر، پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر)
26:206
ثُمَّ جَاءَهُم مَّا كَانُوا يُوعَدُونَ
ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ
28:8
فَالْتَقَطَهُ آلُ فِرْعَوْنَ لِيَكُونَ لَهُمْ عَدُوًّا وَحَزَنًا ۗ إِنَّ فِرْعَوْنَ وَهَامَانَ وَجُنُودَهُمَا كَانُوا خَاطِئِينَ
پىرئەۋن نىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇسانى ئاقىۋەت ئۆزلىرىگە دۈشمەن، ۋە خاپىلىق (نىڭ مەنبەسى) قىلىش ئۈچۈن (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى. شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقان ئىدى
28:15
وَدَخَلَ الْمَدِينَةَ عَلَىٰ حِينِ غَفْلَةٍ مِّنْ أَهْلِهَا فَوَجَدَ فِيهَا رَجُلَيْنِ يَقْتَتِلَانِ هَٰذَا مِن شِيعَتِهِ وَهَٰذَا مِنْ عَدُوِّهِ ۖ فَاسْتَغَاثَهُ الَّذِي مِن شِيعَتِهِ عَلَى الَّذِي مِنْ عَدُوِّهِ فَوَكَزَهُ مُوسَىٰ فَقَضَىٰ عَلَيْهِ ۖ قَالَ هَٰذَا مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ ۖ إِنَّهُ عَدُوٌّ مُّضِلٌّ مُّبِينٌ
مۇسا شەھەر ئاھالىسىدىن ھېچ كىشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا (يەنى چۈشلۈك ئۇيقىدىكى چاغدا) شەھەرگە كىردى، ئۇ شەھەردە ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. (ئۇرۇشۇۋاتقانلاردىن) بىرى ئۆز قەۋمىدىن بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنى ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم دۈشمىنىگە قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر»
28:19
فَلَمَّا أَنْ أَرَادَ أَن يَبْطِشَ بِالَّذِي هُوَ عَدُوٌّ لَّهُمَا قَالَ يَا مُوسَىٰ أَتُرِيدُ أَن تَقْتُلَنِي كَمَا قَتَلْتَ نَفْسًا بِالْأَمْسِ ۖ إِن تُرِيدُ إِلَّا أَن تَكُونَ جَبَّارًا فِي الْأَرْضِ وَمَا تُرِيدُ أَن تَكُونَ مِنَ الْمُصْلِحِينَ
مۇسا ئىككىسىنىڭ (ئورتاق) دۈشمىنى بولغان ئادەم (يەنى قىبتى) گە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ياردەم تىلىگەن ئادەم: «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنى ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن، سەن زېمىندا تۈزىگۈچىلەردىن بولۇشنى خالىماي، پەقەت زومىگەر بولۇشنىلا خالايسەن» دېدى
28:28
قَالَ ذَٰلِكَ بَيْنِي وَبَيْنَكَ ۖ أَيَّمَا الْأَجَلَيْنِ قَضَيْتُ فَلَا عُدْوَانَ عَلَيَّ ۖ وَاللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٌ
مۇسا ئېيتتى: «بۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزدىكى توختامدۇر، ئىككى مۇددەت (يەنى سەككىز يىل بىلەن ئون يىل) نىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام توشقۇزاي، ماڭا ئارتۇقچە تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاللاھ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر»
32:5
يُدَبِّرُ الْأَمْرَ مِنَ السَّمَاءِ إِلَى الْأَرْضِ ثُمَّ يَعْرُجُ إِلَيْهِ فِي يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُ أَلْفَ سَنَةٍ مِّمَّا تَعُدُّونَ
ئاللاھ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (مەخلۇقاتىنىڭ) ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ
35:6
إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمْ عَدُوٌّ فَاتَّخِذُوهُ عَدُوًّا ۚ إِنَّمَا يَدْعُو حِزْبَهُ لِيَكُونُوا مِنْ أَصْحَابِ السَّعِيرِ
شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار، شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دوزاختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ
36:60
أَلَمْ أَعْهَدْ إِلَيْكُمْ يَا بَنِي آدَمَ أَن لَّا تَعْبُدُوا الشَّيْطَانَ ۖ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ
سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟
36:63
هَٰذِهِ جَهَنَّمُ الَّتِي كُنتُمْ تُوعَدُونَ
سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەھەننەم مانا شۇ
38:53
هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِيَوْمِ الْحِسَابِ
بۇ سىلەرگە قىيامەت كۈندە ۋەدە قىلىنغان نېمەتتۇر
41:30
إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا تَتَنَزَّلُ عَلَيْهِمُ الْمَلَائِكَةُ أَلَّا تَخَافُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَبْشِرُوا بِالْجَنَّةِ الَّتِي كُنتُمْ تُوعَدُونَ
شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ
43:62
وَلَا يَصُدَّنَّكُمُ الشَّيْطَانُ ۖ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ
سىلەرنى شەيتان (توغرا يولدا) مېڭىشتىن توسمىسۇن (يەنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئالدانماڭلار)، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر»
43:67
الْأَخِلَّاءُ يَوْمَئِذٍ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ إِلَّا الْمُتَّقِينَ
بۇ كۈندە دوستلار بىر - بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا (ئۇنداق ئەمەستۇر)
43:83
فَذَرْهُمْ يَخُوضُوا وَيَلْعَبُوا حَتَّىٰ يُلَاقُوا يَوْمَهُمُ الَّذِي يُوعَدُونَ
ئۇلارنى (يەنى مەككە كۇففارلىرىنى) (گۇمراھلىقلىرىدا ۋە نادانلىقلىرىدا) قويۇپ بەرگىن، ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر (باتىللىرىغا) چۆمسۇن ۋە (دۇنياسى بىلەن) ئوينىسۇن
46:16
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ نَتَقَبَّلُ عَنْهُمْ أَحْسَنَ مَا عَمِلُوا وَنَتَجَاوَزُ عَن سَيِّئَاتِهِمْ فِي أَصْحَابِ الْجَنَّةِ ۖ وَعْدَ الصِّدْقِ الَّذِي كَانُوا يُوعَدُونَ
ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز، ئۇلار (ئاللاھ يامان ئىشلىرىنى كەچۈرگەنلەر بىلەن) جەننەتتە بولىدۇ، (بۇ) ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر
46:35
فَاصْبِرْ كَمَا صَبَرَ أُولُو الْعَزْمِ مِنَ الرُّسُلِ وَلَا تَسْتَعْجِل لَّهُمْ ۚ كَأَنَّهُمْ يَوْمَ يَرَوْنَ مَا يُوعَدُونَ لَمْ يَلْبَثُوا إِلَّا سَاعَةً مِّن نَّهَارٍ ۚ بَلَاغٌ ۚ فَهَلْ يُهْلَكُ إِلَّا الْقَوْمُ الْفَاسِقُونَ
(ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا) ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، ئۇلارغا بولىدىغان ئازابقا ئالدىراپ كەتمىگىن. ئۇلار (ئاخىرەتتە) ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەندە، (ئۇلار دۇنيادا) گويا كۈندۈزدە بىر دەملا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، (بۇ قۇرئان سىلەرگە) تەبلىغدۇر، پەقەت پاسىق قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ
50:32
هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِكُلِّ أَوَّابٍ حَفِيظٍ
مانا بۇ (نېمەتتىن) سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئاللاھ نىڭ (تائىتىگە) قايتقۇچى، (ئەمرىنى) ساقلىغۇچى ھەر بىر (بەندە) ئۈچۈندۇر
51:5
إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَصَادِقٌ
سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (ساۋاب، ئازاب، قىيامەت قاتارلىق) لار ئەلۋەتتە راستتۇر
51:22
وَفِي السَّمَاءِ رِزْقُكُمْ وَمَا تُوعَدُونَ
ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب بار
51:60
فَوَيْلٌ لِّلَّذِينَ كَفَرُوا مِن يَوْمِهِمُ الَّذِي يُوعَدُونَ
كاپىرلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندىن كاپىرلارغا ۋاي!
58:8
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ نُهُوا عَنِ النَّجْوَىٰ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا نُهُوا عَنْهُ وَيَتَنَاجَوْنَ بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَمَعْصِيَتِ الرَّسُولِ وَإِذَا جَاءُوكَ حَيَّوْكَ بِمَا لَمْ يُحَيِّكَ بِهِ اللَّهُ وَيَقُولُونَ فِي أَنفُسِهِمْ لَوْلَا يُعَذِّبُنَا اللَّهُ بِمَا نَقُولُ ۚ حَسْبُهُمْ جَهَنَّمُ يَصْلَوْنَهَا ۖ فَبِئْسَ الْمَصِيرُ
پىچىرلىشىشتىن مەنئى قىلىنغان، ئاندىن مەنئى قىلىنغان نەرسىگە قايتقان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار گۇناھ بىلەن، زۇلۇم بىلەن ۋە پەيغەمبەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن پىچىرلىشىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭغا كەلگەندە، ئاللاھ ساڭا سالام قىلىشتا قوللانمىغان سۆزلەر بىلەن سالام قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىچىدە: «ئاللاھ نېمىشقا بۇ سۆزىمىز بىلەن بىزنى جازالىمايدۇ!» دەيدۇ، دوزاخ ئۇلارغا كۇپايىدۇر، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!
58:9
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا تَنَاجَيْتُمْ فَلَا تَتَنَاجَوْا بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَمَعْصِيَتِ الرَّسُولِ وَتَنَاجَوْا بِالْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
ئى مۆمىنلەر! سىلەر پىچىرلاشساڭلار گۇناھ، زۇلۇم ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدا پىچىرلاشماڭلار، ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق توغرىسىدا پىچىرلىشىڭلار، سىلەر ئاللاھ تىن قورقۇڭلار، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر
60:1
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا عَدُوِّي وَعَدُوَّكُمْ أَوْلِيَاءَ تُلْقُونَ إِلَيْهِم بِالْمَوَدَّةِ وَقَدْ كَفَرُوا بِمَا جَاءَكُم مِّنَ الْحَقِّ يُخْرِجُونَ الرَّسُولَ وَإِيَّاكُمْ ۙ أَن تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ رَبِّكُمْ إِن كُنتُمْ خَرَجْتُمْ جِهَادًا فِي سَبِيلِي وَابْتِغَاءَ مَرْضَاتِي ۚ تُسِرُّونَ إِلَيْهِم بِالْمَوَدَّةِ وَأَنَا أَعْلَمُ بِمَا أَخْفَيْتُمْ وَمَا أَعْلَنتُمْ ۚ وَمَن يَفْعَلْهُ مِنكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
ئى مۆمىنلەر، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى ئىسلامنى، قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان تۇرسا، ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ قا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقاردى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار (ئۇ چاغدا مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار)، سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارغا پەيغەمبەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يەتكۈزىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ
61:14
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا أَنصَارَ اللَّهِ كَمَا قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ لِلْحَوَارِيِّينَ مَنْ أَنصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنصَارُ اللَّهِ ۖ فَآمَنَت طَّائِفَةٌ مِّن بَنِي إِسْرَائِيلَ وَكَفَرَت طَّائِفَةٌ ۖ فَأَيَّدْنَا الَّذِينَ آمَنُوا عَلَىٰ عَدُوِّهِمْ فَأَصْبَحُوا ظَاهِرِينَ
ئى مۆمىنلەر! ھەۋارىيۇنلار (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپتە ئىمان ئېيتقان مۆمىن قەۋم) دەك ئاللاھ نىڭ ياردەمچىلىرى بۇلۇڭلار، مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا ھەۋارىيۇنلارغا: «(ئاللاھ نىڭ دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىشتا) ئاللاھ قا كىملەر ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېدى، ھەۋارىيۇنلار: «بىز ئاللاھ نىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېدى، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى، مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا يار - يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۆمىنلەر غالىب بولدى
63:4
وَإِذَا رَأَيْتَهُمْ تُعْجِبُكَ أَجْسَامُهُمْ ۖ وَإِن يَقُولُوا تَسْمَعْ لِقَوْلِهِمْ ۖ كَأَنَّهُمْ خُشُبٌ مُّسَنَّدَةٌ ۖ يَحْسَبُونَ كُلَّ صَيْحَةٍ عَلَيْهِمْ ۚ هُمُ الْعَدُوُّ فَاحْذَرْهُمْ ۚ قَاتَلَهُمُ اللَّهُ ۖ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرۇلۇشى (سالاپەتلىكى) سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، (سۆزىنىڭ پاساھەتلىكىدىن) سۆزىگە قۇلاق سالىسەن، (ئىلىمسىز، ئەقىلسىز، پاراسەتسىزلىكتە) گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان (چىرىپ قالغان) ياغاچلاردۇر، ئۇلار (قورقۇنچتىن) ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمانلىنىدۇ، ئۇلار (ساڭا ۋە مۆمىنلەرگە) دۈشمەندۇر، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ!
64:14
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ مِنْ أَزْوَاجِكُمْ وَأَوْلَادِكُمْ عَدُوًّا لَّكُمْ فَاحْذَرُوهُمْ ۚ وَإِن تَعْفُوا وَتَصْفَحُوا وَتَغْفِرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاياللىرڭلاردىن، بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر (ئۇلارنى) ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار، مەغپىرەت قىلساڭلار (ئاللاھ سىلەرنىمۇ مەغپىرەت قىلىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
70:42
فَذَرْهُمْ يَخُوضُوا وَيَلْعَبُوا حَتَّىٰ يُلَاقُوا يَوْمَهُمُ الَّذِي يُوعَدُونَ
(ئى مۇھەممەد) ئۇلارنى قويۇۋەتكىن، تاكى ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر (باتىلغا) چۆمسۇن، (دۇنياسىدا) ئوينىسۇن
70:44
خَاشِعَةً أَبْصَارُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۚ ذَٰلِكَ الْيَوْمُ الَّذِي كَانُوا يُوعَدُونَ
ئۇلار (ئاللاھ تىن ئۇيىلىپ) يۇقىرى قارىيالمايدۇ، ئۇلارنى خورلۇق ئورىۋالىدۇ، ئەنە شۇ ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر
72:24
حَتَّىٰ إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ أَضْعَفُ نَاصِرًا وَأَقَلُّ عَدَدًا
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا كىمنىڭ ياردەمچىسى ئاجىز ۋە سانى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»
72:25
قُلْ إِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ مَّا تُوعَدُونَ أَمْ يَجْعَلُ لَهُ رَبِّي أَمَدًا
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب يېقىنمۇ؟ ياكى پەرۋەردىگارىم ئۇنىڭغا (ئۇزاق) ۋاقىت تەيىن قىلامدۇ؟ ئۇقمايمەن
77:7
إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَوَاقِعٌ
(ئى مەككە كۇففارلىرى!) سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش (يەنى قىيامەت، ھېساب ۋە جازا) چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر