6:95
إِنَّ اللَّهَ فَالِقُ الْحَبِّ وَالنَّوَىٰ ۖ يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَمُخْرِجُ الْمَيِّتِ مِنَ الْحَيِّ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەتەن ئاللاھ دۇر، تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچى ئەنە شۇ ئاللاھ دۇر، (ئاللاھ نىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟
10:32
فَذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمُ الْحَقُّ ۖ فَمَاذَا بَعْدَ الْحَقِّ إِلَّا الضَّلَالُ ۖ فَأَنَّىٰ تُصْرَفُونَ
(يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى) سىلەرنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگارىڭلار، ئەنە شۇ ئاللاھ دۇر. ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن غەيرىي نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، نېمىشقا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»
10:34
قُلْ هَلْ مِن شُرَكَائِكُم مَّن يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۚ قُلِ اللَّهُ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. نېمىشقا (ھەقتىن باتىل تەرەپكە) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»
23:89
سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ فَأَنَّىٰ تُسْحَرُونَ
ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيىتقىنكى، «سىلەر قانداقمۇ قايمۇقتۇرۇلىسىلەر؟»
29:61
وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى كىم (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھ نىڭ ئىبادىتىدىن) باش تارتىدۇ!
35:3
يَا أَيُّهَا النَّاسُ اذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ ۚ هَلْ مِنْ خَالِقٍ غَيْرُ اللَّهِ يَرْزُقُكُم مِّنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ تىن باشقا سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئاللاھ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، (ئاللاھ نىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟
36:66
وَلَوْ نَشَاءُ لَطَمَسْنَا عَلَىٰ أَعْيُنِهِمْ فَاسْتَبَقُوا الصِّرَاطَ فَأَنَّىٰ يُبْصِرُونَ
ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇلار يول مېڭىشقا ئالدىرايتتى، لېكىن ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟
39:6
خَلَقَكُم مِّن نَّفْسٍ وَاحِدَةٍ ثُمَّ جَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَأَنزَلَ لَكُم مِّنَ الْأَنْعَامِ ثَمَانِيَةَ أَزْوَاجٍ ۚ يَخْلُقُكُمْ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ خَلْقًا مِّن بَعْدِ خَلْقٍ فِي ظُلُمَاتٍ ثَلَاثٍ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُصْرَفُونَ
ئاللاھ سىلەرنى بىر ئادەمدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن سەككىزنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ (يەنى ئابىمەنىي، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن پارچە گۆش باسقۇچلىرىغا بۆلۈپ)، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى بالاھەمراھىنىڭ پەردىسى، بەچچىدان ۋە ئانىنىڭ قورسىقى) ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئاللاھ قا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر
40:62
ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ لَّا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟
43:87
وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَهُمْ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن ئۇلارنى كىم خەلق ئەتكەنلىكلىرىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەيدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ
47:18
فَهَلْ يَنظُرُونَ إِلَّا السَّاعَةَ أَن تَأْتِيَهُم بَغْتَةً ۖ فَقَدْ جَاءَ أَشْرَاطُهَا ۚ فَأَنَّىٰ لَهُمْ إِذَا جَاءَتْهُمْ ذِكْرَاهُمْ
ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ ۋەز - نەسىھەت ئالىدۇ (يەنى بۇ چاغدا ۋەز - نەسىھەت ئالغانلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ