3:195
فَاسْتَجَابَ لَهُمْ رَبُّهُمْ أَنِّي لَا أُضِيعُ عَمَلَ عَامِلٍ مِّنكُم مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ ۖ بَعْضُكُم مِّن بَعْضٍ ۖ فَالَّذِينَ هَاجَرُوا وَأُخْرِجُوا مِن دِيَارِهِمْ وَأُوذُوا فِي سَبِيلِي وَقَاتَلُوا وَقُتِلُوا لَأُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَأُدْخِلَنَّهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ثَوَابًا مِّنْ عِندِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عِندَهُ حُسْنُ الثَّوَابِ
ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلدى: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر - بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن. ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، مېنىڭ يولۇمدا (يەنى ئاللاھ نىڭ دىنى ئۈچۈن) ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار، (يەنى مېنىڭ يولۇمدا ئۇرۇشقانلار) ۋە مېنىڭ يولۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى (مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن) ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ (ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا ياخشى مۇكاپات (يەنى جەننەت) بار
8:9
إِذْ تَسْتَغِيثُونَ رَبَّكُمْ فَاسْتَجَابَ لَكُمْ أَنِّي مُمِدُّكُم بِأَلْفٍ مِّنَ الْمَلَائِكَةِ مُرْدِفِينَ
ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ: «سىلەرگە ئاقىمۇ - ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى
12:34
فَاسْتَجَابَ لَهُ رَبُّهُ فَصَرَفَ عَنْهُ كَيْدَهُنَّ ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۇسۇفتىن دەپئى قىلدى. ئاللاھ (ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى) ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر