3:135
وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللَّهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ وَمَن يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا اللَّهُ وَلَمْ يُصِرُّوا عَلَىٰ مَا فَعَلُوا وَهُمْ يَعْلَمُونَ
تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھ نى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھ تىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ
4:64
وَمَا أَرْسَلْنَا مِن رَّسُولٍ إِلَّا لِيُطَاعَ بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ إِذ ظَّلَمُوا أَنفُسَهُمْ جَاءُوكَ فَاسْتَغْفَرُوا اللَّهَ وَاسْتَغْفَرَ لَهُمُ الرَّسُولُ لَوَجَدُوا اللَّهَ تَوَّابًا رَّحِيمًا
بىز ھەر قانداق پەيغەمبەرنى پەقەت ئىتائەت قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىق ئاللاھ قا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ)، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (سېنىڭ ھۆكىمىڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، ساڭا كېلىپ ئاللاھ تىن مەغپىرەت تىلىسە، پەيغەمبەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئاللاھ نى كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان تاپاتتى
11:61
وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَالِحًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ هُوَ أَنشَأَكُم مِّنَ الْأَرْضِ وَاسْتَعْمَرَكُمْ فِيهَا فَاسْتَغْفِرُوهُ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ ۚ إِنَّ رَبِّي قَرِيبٌ مُّجِيبٌ
سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ سىلەرنى زېمىندىن (يەنى تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنى زېمىندا تۇرغۇزدى، ئاللاھ تىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن يېقىندۇر، (دۇئانى) ئىجابەت قىلغۇچىدۇر»
38:24
قَالَ لَقَدْ ظَلَمَكَ بِسُؤَالِ نَعْجَتِكَ إِلَىٰ نِعَاجِهِ ۖ وَإِنَّ كَثِيرًا مِّنَ الْخُلَطَاءِ لَيَبْغِي بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَقَلِيلٌ مَّا هُمْ ۗ وَظَنَّ دَاوُودُ أَنَّمَا فَتَنَّاهُ فَاسْتَغْفَرَ رَبَّهُ وَخَرَّ رَاكِعًا وَأَنَابَ ۩
داۋۇد ئېيتتى: «ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستلا سېنى بوزەك قىلىپتۇ، نۇرغۇن شېرىكلەر (يەنى دوستلار)، شۈبھىسىزكى، بىر - بىرىگە چېقىلىدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارلا (بىر - بىرىگە چېقىلمايدۇ) بۇلار ئازدۇر». داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلدى. پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى، سەجدىگە باردى. (ئاللاھ قا) تەۋبە قىلدى
48:11
سَيَقُولُ لَكَ الْمُخَلَّفُونَ مِنَ الْأَعْرَابِ شَغَلَتْنَا أَمْوَالُنَا وَأَهْلُونَا فَاسْتَغْفِرْ لَنَا ۚ يَقُولُونَ بِأَلْسِنَتِهِم مَّا لَيْسَ فِي قُلُوبِهِمْ ۚ قُلْ فَمَن يَمْلِكُ لَكُم مِّنَ اللَّهِ شَيْئًا إِنْ أَرَادَ بِكُمْ ضَرًّا أَوْ أَرَادَ بِكُمْ نَفْعًا ۚ بَلْ كَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
(ھۇدەيبىيىگە چىقماي) قېلىپ قالغان (مۇناپىق) ئەئرابىلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز، بالا - چاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ (سەن بىلەن چىقالمىدۇق)، بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقىنى دىلىدىكى سۆز ئەمەس (يەنى ئۇلار يالغان ئۆزرە ئېيتىدۇ). ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ (يەنى كىم سىلەردىن ئاللاھ نىڭ خاھىشى ۋە قازاسىنى توسىيالايدۇ؟) ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر