2:94
قُلْ إِن كَانَتْ لَكُمُ الدَّارُ الْآخِرَةُ عِندَ اللَّهِ خَالِصَةً مِّن دُونِ النَّاسِ فَتَمَنَّوُا الْمَوْتَ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلارغا: «ئەگەر ئاخىرەت يۇرتى (يەنى جەننەت) ئاللاھ نىڭ قېشىدا (سىلەر گۇمان قىلغاندەك) باشقىلارغا ئەمەس، يالغۇز سىلەرگىلا خاس بولسا، (سىلەرنى جەننەتكە ئۇلاشتۇرىدىغان) ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار! (جەننەت بىزگىلا خاس دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار» دېگىن
62:6
قُلْ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ هَادُوا إِن زَعَمْتُمْ أَنَّكُمْ أَوْلِيَاءُ لِلَّهِ مِن دُونِ النَّاسِ فَتَمَنَّوُا الْمَوْتَ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەر باشقىلارنى ئەمەس، پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئاللاھ نىڭ دوستلىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان بولساڭلار، (ئاخىرەتنىڭ راھىتىگە تېزرەك يېتىش ئۈچۈن) ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر (بۇ دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار»