3:159
فَبِمَا رَحْمَةٍ مِّنَ اللَّهِ لِنتَ لَهُمْ ۖ وَلَوْ كُنتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لَانفَضُّوا مِنْ حَوْلِكَ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمْ وَشَاوِرْهُمْ فِي الْأَمْرِ ۖ فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ
ئاللاھ نىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھ قا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
5:23
قَالَ رَجُلَانِ مِنَ الَّذِينَ يَخَافُونَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمَا ادْخُلُوا عَلَيْهِمُ الْبَابَ فَإِذَا دَخَلْتُمُوهُ فَإِنَّكُمْ غَالِبُونَ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَتَوَكَّلُوا إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
ئاللاھ تىن قورققۇچىلاردىن بولغان، ئاللاھ نىڭ (ئىمان تائەتتىن ئىبارەت) نېمىتىگە ئېرىشكەن ئىككى ئادەم (يەنى كالب ئىبن يەفۇننە بىلەن يۇشە ئىبن نۇن) ئۇلارغا: «(شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، (شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئەگەر (ئاللاھ نىڭ ۋەدە قىلغان ياردىمىگە) ئىشەنسەڭلار، ئاللاھ قا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى
27:79
فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۖ إِنَّكَ عَلَى الْحَقِّ الْمُبِينِ
ئاللاھ قا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ئىشىڭنى ئاللاھ قا تاپشۇرغىن، ھەممە ئىشىڭدا ئاللاھ قا يۆلەنگىن، ئاللاھ ساڭا مەدەتكاردۇر)، (ئى مۇھەممەد) شۈبھىسىزكى، سەن روشەن ھەق (دىن) دىسەن