2:236
لَّا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِن طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ مَا لَمْ تَمَسُّوهُنَّ أَوْ تَفْرِضُوا لَهُنَّ فَرِيضَةً ۚ وَمَتِّعُوهُنَّ عَلَى الْمُوسِعِ قَدَرُهُ وَعَلَى الْمُقْتِرِ قَدَرُهُ مَتَاعًا بِالْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى الْمُحْسِنِينَ
ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مەھرى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار (يەنى نىكاھىڭلارغا ئالغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولمىغان ياكى مەھرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن شارائىتتا) ئۇنى قويۇۋەتسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا مۇتئە (يەنى بەلگىلىك مىقداردا پۇل - مال) بېرىشىڭلار كېرەك، ئۇلارغا نەرسە بېرىڭلار، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا قائىدە بويىچە بەرسۇن، (بۇ) ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر
2:237
وَإِن طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِن قَبْلِ أَن تَمَسُّوهُنَّ وَقَدْ فَرَضْتُمْ لَهُنَّ فَرِيضَةً فَنِصْفُ مَا فَرَضْتُمْ إِلَّا أَن يَعْفُونَ أَوْ يَعْفُوَ الَّذِي بِيَدِهِ عُقْدَةُ النِّكَاحِ ۚ وَأَن تَعْفُوا أَقْرَبُ لِلتَّقْوَىٰ ۚ وَلَا تَنسَوُا الْفَضْلَ بَيْنَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار، ئەمما ئاياللار ئۆتۈنسە (يەنى مەھرىدىن ۋازكېچىپ پۈتۈنلەي ئالمىسا) ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆتۈنسە (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە)، شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. سىلەر ئۆتۈنسەڭلار، (ئۆتۈنگەن ئادەم) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
4:11
يُوصِيكُمُ اللَّهُ فِي أَوْلَادِكُمْ ۖ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنثَيَيْنِ ۚ فَإِن كُنَّ نِسَاءً فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ ۖ وَإِن كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ ۚ وَلِأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِن كَانَ لَهُ وَلَدٌ ۚ فَإِن لَّمْ يَكُن لَّهُ وَلَدٌ وَوَرِثَهُ أَبَوَاهُ فَلِأُمِّهِ الثُّلُثُ ۚ فَإِن كَانَ لَهُ إِخْوَةٌ فَلِأُمِّهِ السُّدُسُ ۚ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِي بِهَا أَوْ دَيْنٍ ۗ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ لَا تَدْرُونَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ لَكُمْ نَفْعًا ۚ فَرِيضَةً مِّنَ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ قىزى (ئىككى ياكى) ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر (ۋارىس) بىر قىز بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنى ئاتىسىغا تېگىدۇ). ئەگەر مېيىتنىڭ (ئاتا - ئانىسىدىن باشقا يەنە) قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنىنى ئاتىسى ئالىدۇ). (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاتا - ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن (يەنى بۇ ئىككىسىدىن) قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
4:24
وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ النِّسَاءِ إِلَّا مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۖ كِتَابَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ ۚ وَأُحِلَّ لَكُم مَّا وَرَاءَ ذَٰلِكُمْ أَن تَبْتَغُوا بِأَمْوَالِكُم مُّحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ ۚ فَمَا اسْتَمْتَعْتُم بِهِ مِنْهُنَّ فَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ فَرِيضَةً ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا تَرَاضَيْتُم بِهِ مِن بَعْدِ الْفَرِيضَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىشمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى. پەقەت سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلار ئاستىدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ ئاللاھ نىڭ سىلەرگە پەرز قىلغان ھۆكىملىرىدۇر، بۇلاردىن (يەنى يۇقىرىدىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن) باشقىلىرىنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ھالدا، ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىپ (يەنى مەھرىنى بېرىپ) نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى. قايسىكى ئاياللارنى (نىكاھلاپ ئېلىپ) پايدىلانساڭلار، ئۇلارغا (نىكاھ ۋاقتىدا) بېكىتىلگەن مەھرىلىرىنى بېرىڭلار، مەھرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا پۈتۈشكەن نەرسەڭلار توغرىسىدا (يەنى ئايالنىڭ رازىلىقى بىلەن ساقىت قىلىنغان مەھرى ئۈچۈن) سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
9:60
إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّهِ وَابْنِ السَّبِيلِ ۖ فَرِيضَةً مِّنَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھ نىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھ نىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر