4:6
وَابْتَلُوا الْيَتَامَىٰ حَتَّىٰ إِذَا بَلَغُوا النِّكَاحَ فَإِنْ آنَسْتُم مِّنْهُمْ رُشْدًا فَادْفَعُوا إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ ۖ وَلَا تَأْكُلُوهَا إِسْرَافًا وَبِدَارًا أَن يَكْبَرُوا ۚ وَمَن كَانَ غَنِيًّا فَلْيَسْتَعْفِفْ ۖ وَمَن كَانَ فَقِيرًا فَلْيَأْكُلْ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِذَا دَفَعْتُمْ إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ فَأَشْهِدُوا عَلَيْهِمْ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ حَسِيبًا
يېتىملەرنى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار، ئۇلاردا ماللىرىنى باشقۇرالايدىغان ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال - مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ مال - مۈلكىنى بۇزۇپ - چېچىپ يەۋالماڭلار. (يېتىمگە ۋەسى بولغانلاردىن) كىمكى باي ئىكەن، (ۋەسى بولغانلىق ھەققى ئۈچۈن) يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، (سىلەردىن) كىمكى يوقسۇل ئىكەن، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۈچۈن) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن، ئۇلار (يەنى بالاغەتكە يەتكەن يېتىملەر) نىڭ مال - مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا باشقىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قويۇڭلار. ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر
4:135
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ بِالْقِسْطِ شُهَدَاءَ لِلَّهِ وَلَوْ عَلَىٰ أَنفُسِكُمْ أَوِ الْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ ۚ إِن يَكُنْ غَنِيًّا أَوْ فَقِيرًا فَاللَّهُ أَوْلَىٰ بِهِمَا ۖ فَلَا تَتَّبِعُوا الْهَوَىٰ أَن تَعْدِلُوا ۚ وَإِن تَلْوُوا أَوْ تُعْرِضُوا فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا - ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇلارغا يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغۇساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار)، ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، مۇنداقتا ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر