4:73
وَلَئِنْ أَصَابَكُمْ فَضْلٌ مِّنَ اللَّهِ لَيَقُولَنَّ كَأَن لَّمْ تَكُن بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُ مَوَدَّةٌ يَا لَيْتَنِي كُنتُ مَعَهُمْ فَأَفُوزَ فَوْزًا عَظِيمًا
ئەگەر سىلەرگە ئاللاھ نىڭ پەزلى (يەنى غەلىبە ۋە غەنىيمەت) يەتسە، گويا سىلەر بىلەن ئۇ (يەنى مۇناپىق) نىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق دوستلۇق يوقتىكىدەك، «كاشكى مەن (ئۇرۇشتا) ئۇلار بىلەن بىللە بولغان بولسام، چوڭ بىر مۇۋەپپەقىيەتكە (يەنى غەنىيمەتتىن زور نېسىۋىگە) ئېرىشكەن بولاتتىم» دەيدۇ
33:71
يُصْلِحْ لَكُمْ أَعْمَالَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَمَن يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ فَازَ فَوْزًا عَظِيمًا
ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ
48:5
لِّيُدْخِلَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَيُكَفِّرَ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عِندَ اللَّهِ فَوْزًا عَظِيمًا
(مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا ئاللاھ نىڭ تەمكىنلىك چۈشۈرۈشى) ئەر - ئايال مۆمىنلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ قالىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ نىڭ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر