2:26
إِنَّ اللَّهَ لَا يَسْتَحْيِي أَن يَضْرِبَ مَثَلًا مَّا بَعُوضَةً فَمَا فَوْقَهَا ۚ فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا فَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِن رَّبِّهِمْ ۖ وَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا فَيَقُولُونَ مَاذَا أَرَادَ اللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلًا ۘ يُضِلُّ بِهِ كَثِيرًا وَيَهْدِي بِهِ كَثِيرًا ۚ وَمَا يُضِلُّ بِهِ إِلَّا الْفَاسِقِينَ
ئاللاھ ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، مۆمىنلەر بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ؛ كاپىرلار بولسا: «ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى (ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن) ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى (ئۇنى تەستىقلىغانلىقتىن) ھىدايەت قىلىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ
39:20
لَٰكِنِ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ لَهُمْ غُرَفٌ مِّن فَوْقِهَا غُرَفٌ مَّبْنِيَّةٌ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ وَعْدَ اللَّهِ ۖ لَا يُخْلِفُ اللَّهُ الْمِيعَادَ
لېكىن (دۇنيادا) پەرۋەردىگارىدىن قورققانلار (جەننەتتە) قەۋەت - قەۋەت ئالىي ئىمارەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، (بۇ) ئاللاھ نىڭ ۋەدىسىدۇر، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ
41:10
وَجَعَلَ فِيهَا رَوَاسِيَ مِن فَوْقِهَا وَبَارَكَ فِيهَا وَقَدَّرَ فِيهَا أَقْوَاتَهَا فِي أَرْبَعَةِ أَيَّامٍ سَوَاءً لِّلسَّائِلِينَ
ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تاغلارنى ياراتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، ئەھلى زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى، (زېمىننى يارىتىش بىلەن ئاھالىسىنىڭ رىزقىنى بەلگىلەشنى كەم - زىيادىسىز) باراۋەر تۆت كۈندە (تاماملىدى)، (زېمىننىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىش مۇددىتىنى) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (بۇ جاۋابتۇر)