3:140
إِن يَمْسَسْكُمْ قَرْحٌ فَقَدْ مَسَّ الْقَوْمَ قَرْحٌ مِّثْلُهُ ۚ وَتِلْكَ الْأَيَّامُ نُدَاوِلُهَا بَيْنَ النَّاسِ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَيَتَّخِذَ مِنكُمْ شُهَدَاءَ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ
ئەگەر سىلەرگە شىكەستىلىك يەتكەن بولسا (يەنى بۇ جەڭدە سىلەر يارىلانغان ۋە شېھىت بولغان بولساڭلار)، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى جېڭىدە) ئوخشاشلا شىكەستلىك يەتتى (يەنى ئۇلار يارىلاندى ۋە ئۆلتۈردى). بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز (يەنى غەلبىنى ھەمىشە بىر پىرقىدە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە، بىركۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز)، (بۇ) ئاللاھ نىڭ (ھەقىقىي) مۆمىنلەرنى (مۇناپىقلاردىن) ئايرىشى ئۈچۈندۇر، سىلەرنى شېھىتلەردىن قىلىشى (يەنى سىلەردىن بەزىلەرنى شېھىتلىك دەرىجىسىگە مۇشەررەپ قىلىشى) ئۈچۈندۇر، - ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ
3:172
الَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِلَّهِ وَالرَّسُولِ مِن بَعْدِ مَا أَصَابَهُمُ الْقَرْحُ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا مِنْهُمْ وَاتَّقَوْا أَجْرٌ عَظِيمٌ
(ئۇھۇد غازىتىدا) يارىلانغاندىن كېيىن ئاللاھ نىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلار، ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) دىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ