2:186
وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ ۖ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ ۖ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ
مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن)
2:214
أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُم مَّثَلُ الَّذِينَ خَلَوْا مِن قَبْلِكُم ۖ مَّسَّتْهُمُ الْبَأْسَاءُ وَالضَّرَّاءُ وَزُلْزِلُوا حَتَّىٰ يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ مَتَىٰ نَصْرُ اللَّهِ ۗ أَلَا إِنَّ نَصْرَ اللَّهِ قَرِيبٌ
سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۆمىن) لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: «ئاللاھ نىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟» دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھ نىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر
4:17
إِنَّمَا التَّوْبَةُ عَلَى اللَّهِ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السُّوءَ بِجَهَالَةٍ ثُمَّ يَتُوبُونَ مِن قَرِيبٍ فَأُولَٰئِكَ يَتُوبُ اللَّهُ عَلَيْهِمْ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
4:77
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ قِيلَ لَهُمْ كُفُّوا أَيْدِيَكُمْ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقِتَالُ إِذَا فَرِيقٌ مِّنْهُمْ يَخْشَوْنَ النَّاسَ كَخَشْيَةِ اللَّهِ أَوْ أَشَدَّ خَشْيَةً ۚ وَقَالُوا رَبَّنَا لِمَ كَتَبْتَ عَلَيْنَا الْقِتَالَ لَوْلَا أَخَّرْتَنَا إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ ۗ قُلْ مَتَاعُ الدُّنْيَا قَلِيلٌ وَالْآخِرَةُ خَيْرٌ لِّمَنِ اتَّقَىٰ وَلَا تُظْلَمُونَ فَتِيلًا
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى مەككىدە تۇرۇپ ئۇرۇشۇشنى تەلەپ قىلغانلارغا): «(ئۇرۇشتىن) قولۇڭلارنى يىغىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار» دېگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (يەنى ئۇلاردىن ئەجەبلەنمەمسەن؟) بۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر دۈشمەندىن گويا ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورققاندەك بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەررەك قورقىدۇ. ئۇلار (ئۆلۈمدىن قورقۇپ): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن جىھادنى پەرز قىلدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ئۇزاققا قالماي كېلىدىغان ئەجەلگىچە تەخىر قىلمىدىڭ؟ (يەنى ئەجىلىمىز يەتكۈچە تەخىر قىلساڭ، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلمىسەك بولماسمىدى؟)» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دۇنيانىڭ مەنپەئىتى ئازدۇر (يەنى دۇنيانىڭ نېمىتى پانىيدۇر)، (ئاللاھ تىن) قورققان (ۋە ئۇنىڭ ئەمرىنى تۇتقانلار) ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)»
7:56
وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا وَادْعُوهُ خَوْفًا وَطَمَعًا ۚ إِنَّ رَحْمَتَ اللَّهِ قَرِيبٌ مِّنَ الْمُحْسِنِينَ
ئاللاھ (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) يەر يۈزىنى تۈزىگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار (ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن) قورققان ۋە (رەھمىتىنى) ئۇمىد قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى ئاللاھ نىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر
9:42
لَوْ كَانَ عَرَضًا قَرِيبًا وَسَفَرًا قَاصِدًا لَّاتَّبَعُوكَ وَلَٰكِن بَعُدَتْ عَلَيْهِمُ الشُّقَّةُ ۚ وَسَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ لَوِ اسْتَطَعْنَا لَخَرَجْنَا مَعَكُمْ يُهْلِكُونَ أَنفُسَهُمْ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
ئەگەر (ئۇلارنىڭ دەۋەت قىلىنغىنى) ئاسان قولغا كېلىدىغان غەنىيمەت ۋە (يىراق ئەمەس) ئوتتۇراھال سەپەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم ساڭا ئەگىشىپ (غەنىيمەت ئېلىش مەقسىتىدە) چىقاتتى. لېكىن، بۇ ئارىلىق ئۇلارغا يىراق بىلىندى. ئۇلار بىلەن قەسەم ئىچىپ: «ئەگەر چىقىشقا قادىر بولالىغان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە چىقاتتۇق» دەيدۇ، ئۇلار (يالغان قەسەملىرى تۈپەيلىدىن) ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھ بىلىدۇكى، ئۇلار شەك - شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر
11:61
وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَالِحًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ هُوَ أَنشَأَكُم مِّنَ الْأَرْضِ وَاسْتَعْمَرَكُمْ فِيهَا فَاسْتَغْفِرُوهُ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ ۚ إِنَّ رَبِّي قَرِيبٌ مُّجِيبٌ
سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ سىلەرنى زېمىندىن (يەنى تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنى زېمىندا تۇرغۇزدى، ئاللاھ تىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن يېقىندۇر، (دۇئانى) ئىجابەت قىلغۇچىدۇر»
11:64
وَيَا قَوْمِ هَٰذِهِ نَاقَةُ اللَّهِ لَكُمْ آيَةً فَذَرُوهَا تَأْكُلْ فِي أَرْضِ اللَّهِ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابٌ قَرِيبٌ
ئى قەۋمىم! بۇ ئاللاھ (بىۋاسىتە) ياراتقان چىشى تۆگە سىلەرگە مېنىڭ مۆجىزەمدۇر، ئۇنى ئاللاھ نىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارى ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى پات كېلىدىغان ئازاب ھالاك قىلىدۇ»
11:81
قَالُوا يَا لُوطُ إِنَّا رُسُلُ رَبِّكَ لَن يَصِلُوا إِلَيْكَ ۖ فَأَسْرِ بِأَهْلِكَ بِقِطْعٍ مِّنَ اللَّيْلِ وَلَا يَلْتَفِتْ مِنكُمْ أَحَدٌ إِلَّا امْرَأَتَكَ ۖ إِنَّهُ مُصِيبُهَا مَا أَصَابَهُمْ ۚ إِنَّ مَوْعِدَهُمُ الصُّبْحُ ۚ أَلَيْسَ الصُّبْحُ بِقَرِيبٍ
ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «ئى لۇت! شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىدۇرمىز، ئۇلار ھەرگىزمۇ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) چىقىپ كەتكىن، ئايالىڭدىن باشقا، سىلەردىن ھېچ كىشى ئارقىسىغا قارىمىسۇن، ئۇ (يەنى ئايالىڭ) ئۇلار بىلەن بىرگە ھالاك بولغۇچىدۇر، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا ئازاب چۈشىدىغان چاغ تاڭ ۋاقتىدۇر، تاڭ يېقىن ئەمەسمۇ؟» دېدى
13:31
وَلَوْ أَنَّ قُرْآنًا سُيِّرَتْ بِهِ الْجِبَالُ أَوْ قُطِّعَتْ بِهِ الْأَرْضُ أَوْ كُلِّمَ بِهِ الْمَوْتَىٰ ۗ بَل لِّلَّهِ الْأَمْرُ جَمِيعًا ۗ أَفَلَمْ يَيْأَسِ الَّذِينَ آمَنُوا أَن لَّوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَهَدَى النَّاسَ جَمِيعًا ۗ وَلَا يَزَالُ الَّذِينَ كَفَرُوا تُصِيبُهُم بِمَا صَنَعُوا قَارِعَةٌ أَوْ تَحُلُّ قَرِيبًا مِّن دَارِهِمْ حَتَّىٰ يَأْتِيَ وَعْدُ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُخْلِفُ الْمِيعَادَ
مۇبادا بىرەر قۇرئان (يەنى كىتاب) بولۇپ، ئۇ (تىلاۋەت قىلىش) بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى يەر يېرىلىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلەيدىغان بولغان تەقدىردىمۇ (ئۇلار چوقۇم ئىمان ئېيتمايتتى). ھەممە ئىش ئاللاھ نىڭ ئىلكىدىدۇر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مۆمىنلەر بىلمىدىمۇ؟ (مەككە پەتھى قىلىنىپ ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئىبارەت) ئاللاھ نىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولىدۇ، ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەلۋەتتە خىلاپلىق قىلمايدۇ
14:44
وَأَنذِرِ النَّاسَ يَوْمَ يَأْتِيهِمُ الْعَذَابُ فَيَقُولُ الَّذِينَ ظَلَمُوا رَبَّنَا أَخِّرْنَا إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ نُّجِبْ دَعْوَتَكَ وَنَتَّبِعِ الرُّسُلَ ۗ أَوَلَمْ تَكُونُوا أَقْسَمْتُم مِّن قَبْلُ مَا لَكُم مِّن زَوَالٍ
(ئى مۇھەممەد!) كىشىلەرنى (يەنى كۇففارلارنى) ئازاب كېلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرغىن، (بۇ كۈندە) زالىملار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە قىسقىغىنا ۋاقىت مۆھلەت بەرگىن (يەنى دۇنياغا قايتۇرغىن)، دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلايلى، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشەيلى» دەيدۇ. (ئۇلارغا) سىلەر ئىلگىرى، بىز ھەرگىز يوقالمايمىز، دەپ قەسەم ئىچمىگەنمىدىڭلار؟ (دېيىلىدۇ)
17:51
أَوْ خَلْقًا مِّمَّا يَكْبُرُ فِي صُدُورِكُمْ ۚ فَسَيَقُولُونَ مَن يُعِيدُنَا ۖ قُلِ الَّذِي فَطَرَكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۚ فَسَيُنْغِضُونَ إِلَيْكَ رُءُوسَهُمْ وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هُوَ ۖ قُلْ عَسَىٰ أَن يَكُونَ قَرِيبًا
سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ) ئۇلار: ‹‹بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دېگىن، ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ: ‹‹ئۇ قاچان بولىدۇ؟ ›› دېيىشىدۇ، (سەن) ‹‹ئۈمىدكى، ئۇ يېقىندا بولىدۇ›› دېگىن
21:109
فَإِن تَوَلَّوْا فَقُلْ آذَنتُكُمْ عَلَىٰ سَوَاءٍ ۖ وَإِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ أَم بَعِيدٌ مَّا تُوعَدُونَ
ئەگەر ئۇلار (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە (ھەقىقەتنى ھېچ كىشىنى ئايرىماستىن) ئوخشاش ئۇقتۇردۇم، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (ئازاب) يېقىنمۇ، يىراقمۇ؟ ئۇقمايمەن
33:63
يَسْأَلُكَ النَّاسُ عَنِ السَّاعَةِ ۖ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِندَ اللَّهِ ۚ وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّ السَّاعَةَ تَكُونُ قَرِيبًا
كىشىلەر سەندىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدۇ. «ئۇنى (مەن بىلمەيمەن) پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ» دېگىن. سەن نېمە بىلىسەن، قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن
34:50
قُلْ إِن ضَلَلْتُ فَإِنَّمَا أَضِلُّ عَلَىٰ نَفْسِي ۖ وَإِنِ اهْتَدَيْتُ فَبِمَا يُوحِي إِلَيَّ رَبِّي ۚ إِنَّهُ سَمِيعٌ قَرِيبٌ
ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئازسام ئازغانلىقىمنىڭ زىيىنى ئۆزۈمگىدۇر، ئەگەر ھىدايەت تاپسام (بۇ) پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا ۋەھيى قىلغان قۇرئانىنىڭ سەۋەبىدىندۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، يېقىندۇر»
34:51
وَلَوْ تَرَىٰ إِذْ فَزِعُوا فَلَا فَوْتَ وَأُخِذُوا مِن مَّكَانٍ قَرِيبٍ
ئەگەر سەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قورقۇپ قاچىدىغان يەر تاپالمايۋاتقانلىقىنى، دوزاخقا (ئېلىپ بېرىلىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا) يېقىن جايدا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالىنى كۆرەتتىڭ)
42:17
اللَّهُ الَّذِي أَنزَلَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ وَالْمِيزَانَ ۗ وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّ السَّاعَةَ قَرِيبٌ
ئاللاھ كىتاب (يەنى قۇرئان) نى ھەق بىلەن نازىل قىلدى ۋە ئادالەتنى نازىل قىلدى. سەن نېمە بىلىسەن؟ قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن
48:18
لَّقَدْ رَضِيَ اللَّهُ عَنِ الْمُؤْمِنِينَ إِذْ يُبَايِعُونَكَ تَحْتَ الشَّجَرَةِ فَعَلِمَ مَا فِي قُلُوبِهِمْ فَأَنزَلَ السَّكِينَةَ عَلَيْهِمْ وَأَثَابَهُمْ فَتْحًا قَرِيبًا
ئاللاھ مۆمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيىدە) دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى (يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھ غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
48:27
لَّقَدْ صَدَقَ اللَّهُ رَسُولَهُ الرُّؤْيَا بِالْحَقِّ ۖ لَتَدْخُلُنَّ الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ إِن شَاءَ اللَّهُ آمِنِينَ مُحَلِّقِينَ رُءُوسَكُمْ وَمُقَصِّرِينَ لَا تَخَافُونَ ۖ فَعَلِمَ مَا لَمْ تَعْلَمُوا فَجَعَلَ مِن دُونِ ذَٰلِكَ فَتْحًا قَرِيبًا
ئاللاھ پەيغەمبىرىگە، ھەق رەۋىشتە، ھەقىقىي راست چۈش كۆرسەتتى. (ئى مۇھەممەد! سەن ۋە ساھابىلىرىڭ) خۇدا خالىسا (دۈشمەندىن) ئەمىن بولغان، (بەزىلىرىڭلار) باشلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم مەسجىدى ھەرەمغا كىرىسىلەر، ئاللاھ (سۈلھتىكى) سىلەر بىلمەيدىغان (پايدىنى) بىلىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن بۇرۇن (سىلەرگە) يېقىن بىر غەلىبىنى (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھىسىنى مۇيەسسەر) قىلدى
50:41
وَاسْتَمِعْ يَوْمَ يُنَادِ الْمُنَادِ مِن مَّكَانٍ قَرِيبٍ
نىدا قىلغۇچى (يەنى ئىسراپىل) يېقىن جايدىن نىدا قىلىدىغان (يەنى ئۇنىڭ ئاۋازى ھەممىگە ئوخشاش يېتىدىغان) كۈندە (نىداغا) قۇلاق سالغىن
59:15
كَمَثَلِ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ قَرِيبًا ۖ ذَاقُوا وَبَالَ أَمْرِهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئۇلاردىن ئىلگىرى يېقىندىلا ئۆتكەن، قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا) ئوخشايدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
61:13
وَأُخْرَىٰ تُحِبُّونَهَا ۖ نَصْرٌ مِّنَ اللَّهِ وَفَتْحٌ قَرِيبٌ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
سىلەرگە (مەرھەمەت قىلىنىدىغان) سىلەر ياخشى كۆرۈدىغان ئىككىنچى بىر نېمەت ئاللاھ تىن كېلىدىغان نۇسرەت ۋە يېقىن غەلىبە (يەنى مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى) دۇر، (ئى مۇھەممەد!) مۆمىنلەرگە (بۇ روشەن مەرھەمەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن
63:10
وَأَنفِقُوا مِن مَّا رَزَقْنَاكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُن مِّنَ الصَّالِحِينَ
بېرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىڭلار
70:7
وَنَرَاهُ قَرِيبًا
بىز ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز
72:25
قُلْ إِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ مَّا تُوعَدُونَ أَمْ يَجْعَلُ لَهُ رَبِّي أَمَدًا
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب يېقىنمۇ؟ ياكى پەرۋەردىگارىم ئۇنىڭغا (ئۇزاق) ۋاقىت تەيىن قىلامدۇ؟ ئۇقمايمەن
78:40
إِنَّا أَنذَرْنَاكُمْ عَذَابًا قَرِيبًا يَوْمَ يَنظُرُ الْمَرْءُ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ وَيَقُولُ الْكَافِرُ يَا لَيْتَنِي كُنتُ تُرَابًا
بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن (يۈز بېرىشى) يېقىن ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ!» دەيدۇ