2:58
وَإِذْ قُلْنَا ادْخُلُوا هَٰذِهِ الْقَرْيَةَ فَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ رَغَدًا وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُولُوا حِطَّةٌ نَّغْفِرْ لَكُمْ خَطَايَاكُمْ ۚ وَسَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ
ئۆز ۋاقتىدا (مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ - ئىچىڭلار، (بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (پەرۋەردىگارىمىز) گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز» دېدۇق
2:259
أَوْ كَالَّذِي مَرَّ عَلَىٰ قَرْيَةٍ وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا قَالَ أَنَّىٰ يُحْيِي هَٰذِهِ اللَّهُ بَعْدَ مَوْتِهَا ۖ فَأَمَاتَهُ اللَّهُ مِائَةَ عَامٍ ثُمَّ بَعَثَهُ ۖ قَالَ كَمْ لَبِثْتَ ۖ قَالَ لَبِثْتُ يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ۖ قَالَ بَل لَّبِثْتَ مِائَةَ عَامٍ فَانظُرْ إِلَىٰ طَعَامِكَ وَشَرَابِكَ لَمْ يَتَسَنَّهْ ۖ وَانظُرْ إِلَىٰ حِمَارِكَ وَلِنَجْعَلَكَ آيَةً لِّلنَّاسِ ۖ وَانظُرْ إِلَى الْعِظَامِ كَيْفَ نُنشِزُهَا ثُمَّ نَكْسُوهَا لَحْمًا ۚ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ قَالَ أَعْلَمُ أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ياكى سەن تام، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان (خارابە) شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دىن ئۆتكەن كىشىنى (يەنى ئۇزەيرنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ (ئەجەبلىنىپ): «ئاللاھ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېدى. ئاللاھ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن) تىرىلدۈردى. ئاللاھ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «(بۇ ھالەتتە) قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، (تولۇق) 100 يىل تۇردۇڭ! يېمەك ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارىغىنكى (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). (ساڭا يۇقىرىقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز) سېنى بىز كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى قانداق قۇراشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرىمىز. (يۇقىرىقى ئىشلار) ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا (يەنى ئۇ روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا)، ئۇ: «مەن ئاللاھ نىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى
4:75
وَمَا لَكُمْ لَا تُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَالْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الرِّجَالِ وَالنِّسَاءِ وَالْوِلْدَانِ الَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا أَخْرِجْنَا مِنْ هَٰذِهِ الْقَرْيَةِ الظَّالِمِ أَهْلُهَا وَاجْعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ وَلِيًّا وَاجْعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ نَصِيرًا
(ئى مۆمىنلەر!) سىلەرگە نېمە بولدىكى، ئاللاھ نىڭ يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر ۋە (دۇئا قىلىپ): «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇ ئاھالىسى زالىم شەھەردىن بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى مۇيەسسەر قىل، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى مۇيەسسەر قىل» دەيدىغان ئاجىز ئەرلەر، ئاجىز ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىھاد قىلمايسىلەر
6:123
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا فِي كُلِّ قَرْيَةٍ أَكَابِرَ مُجْرِمِيهَا لِيَمْكُرُوا فِيهَا ۖ وَمَا يَمْكُرُونَ إِلَّا بِأَنفُسِهِمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىشلىرى ئۈچۈن (مەككىدە قۇرەيشنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلغىنىمىزدەك)، ھەر بىر شەھەرنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلە - مىكىرلىرى ئۆزلىرىگە يانىدۇ (يەنى ئۇلار شۇ ھىيلە - مىكىرلەرنىڭ ۋابالىغا قالىدۇ)، ئۇلار (بۇنى) سەزمەيدۇ
7:4
وَكَم مِّن قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا فَجَاءَهَا بَأْسُنَا بَيَاتًا أَوْ هُمْ قَائِلُونَ
بىز نۇرغۇن شەھەر (ئاھالىسىنى) نى ھالاك قىلدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈكى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى
7:94
وَمَا أَرْسَلْنَا فِي قَرْيَةٍ مِّن نَّبِيٍّ إِلَّا أَخَذْنَا أَهْلَهَا بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَضَّرَّعُونَ
بىز مەيلى قايسى شەھەرگە بولسۇن، بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق (شەھەر ئەھلى ئۇنى ئىنكار قىلغان بولسا)، ئۇلارنىڭ ئاللاھ قا يالۋۇرۇشلىرى (تەۋبە قىلىشلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق
7:161
وَإِذْ قِيلَ لَهُمُ اسْكُنُوا هَٰذِهِ الْقَرْيَةَ وَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ وَقُولُوا حِطَّةٌ وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا نَّغْفِرْ لَكُمْ خَطِيئَاتِكُمْ ۚ سَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ
ئۆز ۋاقتىدا (بىز ئۇلارغا) (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دە تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دەڭلار، جىمى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) زىيادە بېرىمىز» دېدۇق
7:163
وَاسْأَلْهُمْ عَنِ الْقَرْيَةِ الَّتِي كَانَتْ حَاضِرَةَ الْبَحْرِ إِذْ يَعْدُونَ فِي السَّبْتِ إِذْ تَأْتِيهِمْ حِيتَانُهُمْ يَوْمَ سَبْتِهِمْ شُرَّعًا وَيَوْمَ لَا يَسْبِتُونَ ۙ لَا تَأْتِيهِمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَبْلُوهُم بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن دېڭىز (يەنى قۇلزۇم دېڭىزى) بويىدىكى (ئەيلە) شەھرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. (ئۇنىڭ ئاھالىسى بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن كۈن) شەنبىدە ئاللاھ نىڭ چەكلىمىسىدىن چىقاتتى. چۈنكى شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى، شەنبىدىن غەيرىي كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى، پاسىق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن. ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز
10:98
فَلَوْلَا كَانَتْ قَرْيَةٌ آمَنَتْ فَنَفَعَهَا إِيمَانُهَا إِلَّا قَوْمَ يُونُسَ لَمَّا آمَنُوا كَشَفْنَا عَنْهُمْ عَذَابَ الْخِزْيِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَمَتَّعْنَاهُمْ إِلَىٰ حِينٍ
(ھالاك بولغان شەھەرلەر ئاھالىلىرى ئىچىدە) يۇنۇس قەۋمىدىن باشقىسىغا (ئازابنىڭ ئالامىتىنى كۆرۈپ) ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولغىنى يوق، يۇنۇس قەۋمى ئىمان ئېيتقاندا، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر دۇنيادىكى شەيئىلەردىن) بەھرىمەن قىلدۇق
12:82
وَاسْأَلِ الْقَرْيَةَ الَّتِي كُنَّا فِيهَا وَالْعِيرَ الَّتِي أَقْبَلْنَا فِيهَا ۖ وَإِنَّا لَصَادِقُونَ
بىز تۇرغان شەھەردىن (يەنى مىسىردىن) ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سۆزىمىز چوقۇم راست»
15:4
وَمَا أَهْلَكْنَا مِن قَرْيَةٍ إِلَّا وَلَهَا كِتَابٌ مَّعْلُومٌ
بىز قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلمايلى، پەقەت ئۇنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ
16:112
وَضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا قَرْيَةً كَانَتْ آمِنَةً مُّطْمَئِنَّةً يَأْتِيهَا رِزْقُهَا رَغَدًا مِّن كُلِّ مَكَانٍ فَكَفَرَتْ بِأَنْعُمِ اللَّهِ فَأَذَاقَهَا اللَّهُ لِبَاسَ الْجُوعِ وَالْخَوْفِ بِمَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
ئاللاھ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر شەھەر (يەنى مەككە ئاھالىسى) بولۇپ، (ئەسلىدە) تىنچ - خاتىرجەم ئىدى. ئۇنىڭ رىزقى تەرەپ - تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇراتتى، (ئۇنىڭ ئاھالىسى) ئاللاھ نىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلدى، ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدن ئاچلىقنىڭ ۋە قورقۇنچنىڭ ئەلىمىنى تېتىتتى
17:16
وَإِذَا أَرَدْنَا أَن نُّهْلِكَ قَرْيَةً أَمَرْنَا مُتْرَفِيهَا فَفَسَقُوا فِيهَا فَحَقَّ عَلَيْهَا الْقَوْلُ فَدَمَّرْنَاهَا تَدْمِيرًا
بىرەر شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى دۆلەتمەن ئادەملەرنى (بىزگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيمىز، ئۇلار ئىتائەت قىلماي، پىسقى - پاسات قىلىدۇ - دە، ئۇلارغا ئازابىمىز تېگىشلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورقۇنچلۇق رەۋىشتە ھالاك قىلىمىز
17:58
وَإِن مِّن قَرْيَةٍ إِلَّا نَحْنُ مُهْلِكُوهَا قَبْلَ يَوْمِ الْقِيَامَةِ أَوْ مُعَذِّبُوهَا عَذَابًا شَدِيدًا ۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي الْكِتَابِ مَسْطُورًا
(ئاللاھ قا ئاسىيلىق قىلغان) ھەرقانداق بىر شەھەر بولمىسۇن، ئۇنى بىز قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھالاك قىلىمىز، ياكى ئۇنى قاتتىق ئازابلايمىز، بۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتۈلۈپ كەتكەن (ھۆكۈم) دۇر
18:77
فَانطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا أَتَيَا أَهْلَ قَرْيَةٍ اسْتَطْعَمَا أَهْلَهَا فَأَبَوْا أَن يُضَيِّفُوهُمَا فَوَجَدَا فِيهَا جِدَارًا يُرِيدُ أَن يَنقَضَّ فَأَقَامَهُ ۖ قَالَ لَوْ شِئْتَ لَاتَّخَذْتَ عَلَيْهِ أَجْرًا
ئۇ ئىككىسى يەنە بىللە مېڭىپ بىر شەھەرگە يېتىپ كەلدى، شەھەر ئاھالىسىدىن تاماق سورىدى، شەھەر ئاھالىسى ئۇلارنى مېھمان قىلىشتىن باش تارتتى، ئۇلار بۇ شەھەردە ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى، (ئۇنى خىزىر قولى بىلەن سىناپ) تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر خالىساڭ بۇ ئىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىش ھەققى ئالغان بولاتتىڭ»
21:6
مَا آمَنَتْ قَبْلَهُم مِّن قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا ۖ أَفَهُمْ يُؤْمِنُونَ
ئۇلاردىن ئىلگىرى، بىز ھالاك قىلغان شەھەرلەردىن (يەنى ئاھالىسىدىن) ھېچقايسىسى ئىمان ئېيتمىغان تۇرسا، (مۆجىزىلەرنى كۆرسەتسەڭ) ئۇلار ئىمان ئېيتامدۇ؟
21:11
وَكَمْ قَصَمْنَا مِن قَرْيَةٍ كَانَتْ ظَالِمَةً وَأَنشَأْنَا بَعْدَهَا قَوْمًا آخَرِينَ
بىز (ئاھالىسى) كۇففار بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلاردىن كېيىن (ئورنىغا) باشقا قەۋمنى پەيدا قىلدۇق
21:74
وَلُوطًا آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا وَنَجَّيْنَاهُ مِنَ الْقَرْيَةِ الَّتِي كَانَت تَّعْمَلُ الْخَبَائِثَ ۗ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمَ سَوْءٍ فَاسِقِينَ
لۇتقا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق (لۇت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان، ئەگەشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھىجرەت قىلغان ئىدى)، ئۇنىڭ (ئائىلىسى بەچچىۋازلىق، قاراقچىلىق قاتارلىق) يامان قىلىقلارنى قىلىدىغان شەھەردىن قۇتقۇزدۇق، ھەقىقەتەن ئۇلار يامان پاسىق قەۋم ئىدى
21:95
وَحَرَامٌ عَلَىٰ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا أَنَّهُمْ لَا يَرْجِعُونَ
بىز ھالاك قىلغان شەھەر (ئاھالىسى) نىڭ دۇنياغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس
22:45
فَكَأَيِّن مِّن قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا وَهِيَ ظَالِمَةٌ فَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَبِئْرٍ مُّعَطَّلَةٍ وَقَصْرٍ مَّشِيدٍ
نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم بولغانلىقلىرى ئۈچۈن (شەھەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ) ئۆگزىلىرى ئۆرۈلۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان نۇرغۇن تاشلاندۇق قۇدۇقلار ۋە ئېگىز ئىمارەتلەر (ئاھالىسىز) قالغان
22:48
وَكَأَيِّن مِّن قَرْيَةٍ أَمْلَيْتُ لَهَا وَهِيَ ظَالِمَةٌ ثُمَّ أَخَذْتُهَا وَإِلَيَّ الْمَصِيرُ
نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا مەن مۆھلەت بەردىم (ئۇلار بۇ مۆھلەتكە مەغرۇر بولۇپ كەتتى)، ئاندىن (يەنى ئۇلارغا ئۇزاق مۇددەت مۆھلەت بەرگىنىمدىن كېيىن) ئۇلارنى جازالىدىم، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر (يەنى ئاخىر ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ
25:40
وَلَقَدْ أَتَوْا عَلَى الْقَرْيَةِ الَّتِي أُمْطِرَتْ مَطَرَ السَّوْءِ ۚ أَفَلَمْ يَكُونُوا يَرَوْنَهَا ۚ بَلْ كَانُوا لَا يَرْجُونَ نُشُورًا
ئۇلار ھەقىقەتەن (شامغا بېرىپ كېلىشتە) يامان يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇرۇلغان شەھەردىن ئۆتىدۇ، ئەجەبا ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ (ئىبرەت ئالمامدۇ؟) ياق (يەنى ئىبرەت ئالمايدۇ)، ئۇلار (قىيامەت كۈنى) قايتا تىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ
25:51
وَلَوْ شِئْنَا لَبَعَثْنَا فِي كُلِّ قَرْيَةٍ نَّذِيرًا
ئەگەر خالىساق ئەلۋەتتە ھەر شەھەرگە بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتەتتۇق
26:208
وَمَا أَهْلَكْنَا مِن قَرْيَةٍ إِلَّا لَهَا مُنذِرُونَ
قانداقلىكى شەھەر بولمىسۇن، ۋەز - نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگىچە، ئۇنى ھالاك قىلمىدۇق، (ئۇلارنى جازالاشتا) بىز زالىم بولمىدۇق
27:34
قَالَتْ إِنَّ الْمُلُوكَ إِذَا دَخَلُوا قَرْيَةً أَفْسَدُوهَا وَجَعَلُوا أَعِزَّةَ أَهْلِهَا أَذِلَّةً ۖ وَكَذَٰلِكَ يَفْعَلُونَ
ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار بىرەر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرسە، ئۇنى خاراب قىلىدۇ، شەھەرنىڭ مۆتىۋەر ئادەملىرىنى (ئۆلتۈرۈش، ئەسىرگە ئېلىش ۋە سۈرگۈن قىلىش بىلەن) خار قىلىدۇ، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ
28:58
وَكَمْ أَهْلَكْنَا مِن قَرْيَةٍ بَطِرَتْ مَعِيشَتَهَا ۖ فَتِلْكَ مَسَاكِنُهُمْ لَمْ تُسْكَن مِّن بَعْدِهِمْ إِلَّا قَلِيلًا ۖ وَكُنَّا نَحْنُ الْوَارِثِينَ
بىز نۇرغۇن شەھەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى كەيىپ - ساپالىق تۇرمۇش كۆچۈرەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدۇر، ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن (ئۇ جايلاردا) ئازغىنا ۋاقىتتىن تاشقىرى ئادەم تۇرغان ئەمەس، ئۇلار (نىڭ مال - مۈلكى ۋە يۇرتىغا) بىز ۋارىسلىق قىلدۇق
29:31
وَلَمَّا جَاءَتْ رُسُلُنَا إِبْرَاهِيمَ بِالْبُشْرَىٰ قَالُوا إِنَّا مُهْلِكُو أَهْلِ هَٰذِهِ الْقَرْيَةِ ۖ إِنَّ أَهْلَهَا كَانُوا ظَالِمِينَ
ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلەر) ئىبراھىمغا (پەرزەنت بېرىلىشتىن ئىبارەت) خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز بۇ شەھەر ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز، ئۇنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم ئىدى» دېدى
29:34
إِنَّا مُنزِلُونَ عَلَىٰ أَهْلِ هَٰذِهِ الْقَرْيَةِ رِجْزًا مِّنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئاللاھ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىز چوقۇم ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرىمىز
34:34
وَمَا أَرْسَلْنَا فِي قَرْيَةٍ مِّن نَّذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتْرَفُوهَا إِنَّا بِمَا أُرْسِلْتُم بِهِ كَافِرُونَ
قايسى شەھەرگە بولمىسۇن، بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەكلا ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز» دېدى
36:13
وَاضْرِبْ لَهُم مَّثَلًا أَصْحَابَ الْقَرْيَةِ إِذْ جَاءَهَا الْمُرْسَلُونَ
ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) شەھەر (يەنى ئەنتاكىيە) ئاھالىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن ئىدى
43:23
وَكَذَٰلِكَ مَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ فِي قَرْيَةٍ مِّن نَّذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتْرَفُوهَا إِنَّا وَجَدْنَا آبَاءَنَا عَلَىٰ أُمَّةٍ وَإِنَّا عَلَىٰ آثَارِهِم مُّقْتَدُونَ
شۇنىڭدەك سەندىن ئىلگىرى ھەر قاچان بىرەر شەھەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتسەكلا، ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز ھەقىقەتەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز» دېيىشتى
47:13
وَكَأَيِّن مِّن قَرْيَةٍ هِيَ أَشَدُّ قُوَّةً مِّن قَرْيَتِكَ الَّتِي أَخْرَجَتْكَ أَهْلَكْنَاهُمْ فَلَا نَاصِرَ لَهُمْ
سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەرنىڭ (يەنى مەككىنىڭ) ئاھالىسىدىن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا ھېچ قانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى
65:8
وَكَأَيِّن مِّن قَرْيَةٍ عَتَتْ عَنْ أَمْرِ رَبِّهَا وَرُسُلِهِ فَحَاسَبْنَاهَا حِسَابًا شَدِيدًا وَعَذَّبْنَاهَا عَذَابًا نُّكْرًا
نۇرغۇن شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى، ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالىدۇق