5:32
مِنْ أَجْلِ ذَٰلِكَ كَتَبْنَا عَلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ أَنَّهُ مَن قَتَلَ نَفْسًا بِغَيْرِ نَفْسٍ أَوْ فَسَادٍ فِي الْأَرْضِ فَكَأَنَّمَا قَتَلَ النَّاسَ جَمِيعًا وَمَنْ أَحْيَاهَا فَكَأَنَّمَا أَحْيَا النَّاسَ جَمِيعًا ۚ وَلَقَدْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُنَا بِالْبَيِّنَاتِ ثُمَّ إِنَّ كَثِيرًا مِّنْهُم بَعْدَ ذَٰلِكَ فِي الْأَرْضِ لَمُسْرِفُونَ
شۇ (يەنى قابىلنىڭ ھابىلنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى) سەۋەبتىن (تەۋراتتا) ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھۆكۈم قىلدۇقكى، كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ، پەيغەمبەرلىرىمىز بەنى ئىسرائىلغا راستلا (شانلىق) مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ) تولىسى (كۇفرىدا، ئادەم ئۆلتۈرۈشتە) زېمىندا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولدى
6:125
فَمَن يُرِدِ اللَّهُ أَن يَهْدِيَهُ يَشْرَحْ صَدْرَهُ لِلْإِسْلَامِ ۖ وَمَن يُرِدْ أَن يُضِلَّهُ يَجْعَلْ صَدْرَهُ ضَيِّقًا حَرَجًا كَأَنَّمَا يَصَّعَّدُ فِي السَّمَاءِ ۚ كَذَٰلِكَ يَجْعَلُ اللَّهُ الرِّجْسَ عَلَى الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ
ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ
8:6
يُجَادِلُونَكَ فِي الْحَقِّ بَعْدَمَا تَبَيَّنَ كَأَنَّمَا يُسَاقُونَ إِلَى الْمَوْتِ وَهُمْ يَنظُرُونَ
ئۇلار گويا (ئالامەتلىرى) كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك، ھەقىقەت ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ھەقىقەت (يەنى ئۇرۇشقا چىقىش مەسىلىسى) ئۈستىدە سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ
10:27
وَالَّذِينَ كَسَبُوا السَّيِّئَاتِ جَزَاءُ سَيِّئَةٍ بِمِثْلِهَا وَتَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۖ مَّا لَهُم مِّنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۖ كَأَنَّمَا أُغْشِيَتْ وُجُوهُهُمْ قِطَعًا مِّنَ اللَّيْلِ مُظْلِمًا ۚ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
(دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار (بىر يامانلىقنى قىلسا، قىلغان يامانلىقىغا) ئوخشاش (يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
22:31
حُنَفَاءَ لِلَّهِ غَيْرَ مُشْرِكِينَ بِهِ ۚ وَمَن يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَكَأَنَّمَا خَرَّ مِنَ السَّمَاءِ فَتَخْطَفُهُ الطَّيْرُ أَوْ تَهْوِي بِهِ الرِّيحُ فِي مَكَانٍ سَحِيقٍ
ئاللاھ قا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، كىمكى ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك، ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ