8:5
كَمَا أَخْرَجَكَ رَبُّكَ مِن بَيْتِكَ بِالْحَقِّ وَإِنَّ فَرِيقًا مِّنَ الْمُؤْمِنِينَ لَكَارِهُونَ
(غەنىيمەت تەقسىماتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئاللاھ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاس قىلىنغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقى) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى ھەقلىق رەۋىشتە ئۆيۈڭدىن (يەنى ئۆيۈڭ جايلاشقان مەدىنىدىن ئۇرۇشقا) چىقارغانلىقىنى (ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقىغا) ئوخشايدۇ. مۆمىنلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا چىقىشنى) ئەلۋەتتە يامان كۆرىدۇ
9:48
لَقَدِ ابْتَغَوُا الْفِتْنَةَ مِن قَبْلُ وَقَلَّبُوا لَكَ الْأُمُورَ حَتَّىٰ جَاءَ الْحَقُّ وَظَهَرَ أَمْرُ اللَّهِ وَهُمْ كَارِهُونَ
ئىلگىرى ئۇلار تاكى ئاللاھ نىڭ ياردىمى كەلگەنگە، ئاللاھ نىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئورۇنغان، ساڭا ھىيلە - مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى، ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشىنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر
9:54
وَمَا مَنَعَهُمْ أَن تُقْبَلَ مِنْهُمْ نَفَقَاتُهُمْ إِلَّا أَنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَبِرَسُولِهِ وَلَا يَأْتُونَ الصَّلَاةَ إِلَّا وَهُمْ كُسَالَىٰ وَلَا يُنفِقُونَ إِلَّا وَهُمْ كَارِهُونَ
ئۇلارنىڭ بەرگەن نەپىقىلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇكى، ئۇلار ئاللاھ نى ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، نامازنى خۇش ياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدۇ، (پۇل - مېلىنى) رازىلىق بىلەن بەرمەيدۇ
11:28
قَالَ يَا قَوْمِ أَرَأَيْتُمْ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّي وَآتَانِي رَحْمَةً مِّنْ عِندِهِ فَعُمِّيَتْ عَلَيْكُمْ أَنُلْزِمُكُمُوهَا وَأَنتُمْ لَهَا كَارِهُونَ
نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان (دەۋىتىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە (يەنى پەيغەمبەرلىككە) سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، ئۇنى يامان كۆرسەڭلار، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟
23:70
أَمْ يَقُولُونَ بِهِ جِنَّةٌ ۚ بَلْ جَاءَهُم بِالْحَقِّ وَأَكْثَرُهُمْ لِلْحَقِّ كَارِهُونَ
ياكى ئۇلار ئۇنى مەجنۇن دېيىشەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا ئۇ ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتنى يامان كۆرىدۇ
43:78
لَقَدْ جِئْنَاكُم بِالْحَقِّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَكُمْ لِلْحَقِّ كَارِهُونَ
بىز سىلەرگە ھەقىقەتەن ھەق (دىن) نى كەلتۈردۇق ۋە لېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەق (دىن) نى يامان كۆرگۈچىلەردۇر