4:77
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ قِيلَ لَهُمْ كُفُّوا أَيْدِيَكُمْ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقِتَالُ إِذَا فَرِيقٌ مِّنْهُمْ يَخْشَوْنَ النَّاسَ كَخَشْيَةِ اللَّهِ أَوْ أَشَدَّ خَشْيَةً ۚ وَقَالُوا رَبَّنَا لِمَ كَتَبْتَ عَلَيْنَا الْقِتَالَ لَوْلَا أَخَّرْتَنَا إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ ۗ قُلْ مَتَاعُ الدُّنْيَا قَلِيلٌ وَالْآخِرَةُ خَيْرٌ لِّمَنِ اتَّقَىٰ وَلَا تُظْلَمُونَ فَتِيلًا
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى مەككىدە تۇرۇپ ئۇرۇشۇشنى تەلەپ قىلغانلارغا): «(ئۇرۇشتىن) قولۇڭلارنى يىغىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار» دېگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (يەنى ئۇلاردىن ئەجەبلەنمەمسەن؟) بۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر دۈشمەندىن گويا ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورققاندەك بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەررەك قورقىدۇ. ئۇلار (ئۆلۈمدىن قورقۇپ): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن جىھادنى پەرز قىلدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ئۇزاققا قالماي كېلىدىغان ئەجەلگىچە تەخىر قىلمىدىڭ؟ (يەنى ئەجىلىمىز يەتكۈچە تەخىر قىلساڭ، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلمىسەك بولماسمىدى؟)» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دۇنيانىڭ مەنپەئىتى ئازدۇر (يەنى دۇنيانىڭ نېمىتى پانىيدۇر)، (ئاللاھ تىن) قورققان (ۋە ئۇنىڭ ئەمرىنى تۇتقانلار) ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)»
4:91
سَتَجِدُونَ آخَرِينَ يُرِيدُونَ أَن يَأْمَنُوكُمْ وَيَأْمَنُوا قَوْمَهُمْ كُلَّ مَا رُدُّوا إِلَى الْفِتْنَةِ أُرْكِسُوا فِيهَا ۚ فَإِن لَّمْ يَعْتَزِلُوكُمْ وَيُلْقُوا إِلَيْكُمُ السَّلَمَ وَيَكُفُّوا أَيْدِيَهُمْ فَخُذُوهُمْ وَاقْتُلُوهُمْ حَيْثُ ثَقِفْتُمُوهُمْ ۚ وَأُولَٰئِكُمْ جَعَلْنَا لَكُمْ عَلَيْهِمْ سُلْطَانًا مُّبِينًا
ئىمانىنى ئىزھار قىلىش بىلەن سىلەردىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى ۋە قەۋمىگە قايتقاندا (كۇفرىنى ئىزھار قىلىش بىلەن) ئۆز قەۋمىدىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى بولغان ئىككىنچى بىر خىل كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرىسىلەر، ئۇلار ھەر قاچان پىتنە - پاساتقا (يەنى كۇفرىغا ياكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا) چاقىرىلسا ئۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن تارتىدۇ، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرمىسا، سىلەرگە تەسلىم بولمىسا، (سىلەر بىلەن) ئۇرۇشۇشتىن قول يىغمىسا، بۇ چاغدا ئۇلارنى قەيەردە كۆرسەڭلار شۇ يەردە (ئەسىر ئېلىڭلار) تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار، (ئۇلارنىڭ خىيانىتى سەۋەبلىك) سىلەرگە ئۇلارغا قارشى (يەنى ئەسىر ئېلىشقا، ئۆلتۈرۈشكە) روشەن پاكىت ئاتا قىلدۇق
4:173
فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَيُوَفِّيهِمْ أُجُورَهُمْ وَيَزِيدُهُم مِّن فَضْلِهِ ۖ وَأَمَّا الَّذِينَ اسْتَنكَفُوا وَاسْتَكْبَرُوا فَيُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا وَلَا يَجِدُونَ لَهُم مِّن دُونِ اللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ، نېمىتىنى ئۇلارغا بېرىدۇ، (ئاللاھ قا قۇلچىلىق قىلىشتىن) باش تارتقان ۋە كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تىن باشقا (ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ
112:4
وَلَمْ يَكُن لَّهُ كُفُوًا أَحَدٌ
ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ