4:12
وَلَكُمْ نِصْفُ مَا تَرَكَ أَزْوَاجُكُمْ إِن لَّمْ يَكُن لَّهُنَّ وَلَدٌ ۚ فَإِن كَانَ لَهُنَّ وَلَدٌ فَلَكُمُ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْنَ ۚ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِينَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ ۚ وَلَهُنَّ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْتُمْ إِن لَّمْ يَكُن لَّكُمْ وَلَدٌ ۚ فَإِن كَانَ لَكُمْ وَلَدٌ فَلَهُنَّ الثُّمُنُ مِمَّا تَرَكْتُم ۚ مِّن بَعْدِ وَصِيَّةٍ تُوصُونَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ ۗ وَإِن كَانَ رَجُلٌ يُورَثُ كَلَالَةً أَوِ امْرَأَةٌ وَلَهُ أَخٌ أَوْ أُخْتٌ فَلِكُلِّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا السُّدُسُ ۚ فَإِن كَانُوا أَكْثَرَ مِن ذَٰلِكَ فَهُمْ شُرَكَاءُ فِي الثُّلُثِ ۚ مِن بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصَىٰ بِهَا أَوْ دَيْنٍ غَيْرَ مُضَارٍّ ۚ وَصِيَّةً مِّنَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَلِيمٌ
ئەگەر ئاياللىرىڭلارنىڭ بالىلىرى بولمىسا، بۇ چاغدا ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى (ئى ئەرلەر!) سىلەرگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا، ئۇلارغا قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى سىلەرگە تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى مېيىتنىڭ قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىسا، بۇ چاغدا ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ، ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، بۇ چاغدا ئايالىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراستىن سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچى ئاتا - ئانىسىز، بالىسىز ئەر ياكى ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئانا بىر قېرىندىشى ۋە ئانا بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ (يەنى مىراس قالدۇرغۇچى مېيىتنىڭ ئانا بىر، ئاتا باشقا) قېرىنداشلىرى ۋە ھەمشىرىلىرى بۇنىڭدىن (يەنى بىردىن) كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاق تەقسىم قىلىنىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. (مىراس قالدۇرغۇچى ئادەمنىڭ) ۋەسىيىتى ۋارىسلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن قىلىنغان تەۋسىيىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)
4:176
يَسْتَفْتُونَكَ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِي الْكَلَالَةِ ۚ إِنِ امْرُؤٌ هَلَكَ لَيْسَ لَهُ وَلَدٌ وَلَهُ أُخْتٌ فَلَهَا نِصْفُ مَا تَرَكَ ۚ وَهُوَ يَرِثُهَا إِن لَّمْ يَكُن لَّهَا وَلَدٌ ۚ فَإِن كَانَتَا اثْنَتَيْنِ فَلَهُمَا الثُّلُثَانِ مِمَّا تَرَكَ ۚ وَإِن كَانُوا إِخْوَةً رِّجَالًا وَنِسَاءً فَلِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنثَيَيْنِ ۗ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ أَن تَضِلُّوا ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ئاتا - ئانىسى، بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق) پەتىۋا سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئاتا - ئانىسى، بالىسى يوق كىشى (قالدۇرغان مىراس) توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇ تەرەكىنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ، ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ بالىسى بولمىسا، ئەر بىر تۇغقىنى ئۇنىڭ ۋارىسى بولىدۇ (يەنى مىراسنىڭ ھەممىسىنى ئالىدۇ)، ئەگەر ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلار تەرەكىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىنى ئالىدۇ، ئەگەر ۋارىسلار ھەم ئەر، ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى) بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى بېرىلىدۇ، ئاداشماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە (شەرىئەت ئەھكاملىرىنى) بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»