2:27
الَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِن بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَن يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
پاسىقلار ئاللاھ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ. ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان شەيئىنى ئۈزۈپ قويىدۇ (يەنى سىلە - رەھىم قىلمايدۇ)، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
2:121
الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَتْلُونَهُ حَقَّ تِلَاوَتِهِ أُولَٰئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِ ۗ وَمَن يَكْفُرْ بِهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
بىز ئاتا قىلغان كىتابنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئوقۇيدىغانلار بار، ئەنە شۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. كىملەركى كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
7:90
وَقَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِن قَوْمِهِ لَئِنِ اتَّبَعْتُمْ شُعَيْبًا إِنَّكُمْ إِذًا لَّخَاسِرُونَ
ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمانسىز چوڭلىرى: «ئەگەر سىلەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار، شۈبھىسىزكى، چوقۇم زىيان تارتىسىلەر» دېدى
7:99
أَفَأَمِنُوا مَكْرَ اللَّهِ ۚ فَلَا يَأْمَنُ مَكْرَ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْخَاسِرُونَ
ئۇلار ئاللاھ نىڭ مەكرىدىن (يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا ئاللاھ نىڭ ئازاب نازىل قىلىشىدىن) قورقمامدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھ نىڭ مەكرىدىن قورقمايدۇ
7:178
مَن يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِي ۖ وَمَن يُضْلِلْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمران قىلغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر
8:37
لِيَمِيزَ اللَّهُ الْخَبِيثَ مِنَ الطَّيِّبِ وَيَجْعَلَ الْخَبِيثَ بَعْضَهُ عَلَىٰ بَعْضٍ فَيَرْكُمَهُ جَمِيعًا فَيَجْعَلَهُ فِي جَهَنَّمَ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
ئاللاھ نىڭ (ئۇلارنى دۇنيادا مەغلۇپ قىلىشى، ئاخىرەتتە جەھەننەمگە ھەيدىشى) كاپىرنى مۆمىندىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ھەممە كاپىرلارنى ئۈستى - ئۈستىگە دۆۋىلەپ توپلىغاندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلايدۇ، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
9:69
كَالَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ كَانُوا أَشَدَّ مِنكُمْ قُوَّةً وَأَكْثَرَ أَمْوَالًا وَأَوْلَادًا فَاسْتَمْتَعُوا بِخَلَاقِهِمْ فَاسْتَمْتَعْتُم بِخَلَاقِكُمْ كَمَا اسْتَمْتَعَ الَّذِينَ مِن قَبْلِكُم بِخَلَاقِهِمْ وَخُضْتُمْ كَالَّذِي خَاضُوا ۚ أُولَٰئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
(ئى مۇناپىقلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلار) سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن (ھالاك بولغان ئۈممەتلەرنىڭ ھالىغا) ئوخشايدۇ، ئۇلار كۈچ - قۇۋۋەتتە سىلەردىن كۈچلۈك، مال - مۈلكى ۋە ئەۋلادى سىلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ئىدى. سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەر (دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى) نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن بولغاندەك، سىلەرمۇ (دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى) نېسىۋەڭلاردىن بەھرىمەن بولدۇڭلار؛ ئۇلار باتىلغا چۆمگەندەك، سىلەرمۇ باتىلغا چۆمدۈڭلار؛ ئەنە شۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېتىبارسىزدۇر، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
12:14
قَالُوا لَئِنْ أَكَلَهُ الذِّئْبُ وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّا إِذًا لَّخَاسِرُونَ
ئۇلار: «بىز (كۈچلۈك) بىر جامائە تۇرۇقلۇق، ئۇنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق، ئۇ چاغدا بىز ئەلۋەتتە - زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى
16:109
لَا جَرَمَ أَنَّهُمْ فِي الْآخِرَةِ هُمُ الْخَاسِرُونَ
ئۇلار راستلا ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر
23:34
وَلَئِنْ أَطَعْتُم بَشَرًا مِّثْلَكُمْ إِنَّكُمْ إِذًا لَّخَاسِرُونَ
ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتقۇچىلارسىلەر
29:52
قُلْ كَفَىٰ بِاللَّهِ بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ شَهِيدًا ۖ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَالَّذِينَ آمَنُوا بِالْبَاطِلِ وَكَفَرُوا بِاللَّهِ أُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
ئېيتقىنكى، «مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (مېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمگە) گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىدۇر، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، بۇتقا ئىشەنگەن، ئاللاھ نى ئىنكار قىلغان ئادەملەر زىيان تارتقۇچىلاردۇر»
39:63
لَّهُ مَقَالِيدُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ اللَّهِ أُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھ نىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار – ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
58:19
اسْتَحْوَذَ عَلَيْهِمُ الشَّيْطَانُ فَأَنسَاهُمْ ذِكْرَ اللَّهِ ۚ أُولَٰئِكَ حِزْبُ الشَّيْطَانِ ۚ أَلَا إِنَّ حِزْبَ الشَّيْطَانِ هُمُ الْخَاسِرُونَ
ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان غەلىبە قىلدى، (شەيتان) ئۇلارغا ئاللاھ نىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى، ئۇلار شەيتاننىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، شەيتاننىڭ قوشۇنى زىيان تارتقۇچىلاردۇر
63:9
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَن ذِكْرِ اللَّهِ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
ئى مۆمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھ نىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھ نىڭ تائەت - ئىبادىتىدىن) غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر